لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەساكىرى مەنسۇرە — ياردەمچى قوشۇن؛ غالىب قوشۇن؛
- ئەسالەت — ئېسىللىك ، ئېسىلزادىلىك، ئالىيجانابلىق؛
- ئەسالەتلىك — ئېسىل، دانا.
- ئەسامى — ؛«ئىسىم»نىڭ كۆپلۈكى: ئىسىملار،ناملار؛
- ئەسايى كەلىم — مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھاسىسى؛
- ئەسەب — نېرۋا ، نېرۋا تومۇرى ؛ پەي ، سىڭىر؛
- ئەسەبى — مىجەزى چۇس ؛نېرۋىسى ئاجىز؛ تېرىككەك،
- ئەسەبىي — نېرۋا خاراكتېرلىك ، نېرۋىغا مۇناسىۋەتلىك؛
- ئەسەد — ئارىسلان، شىر ؛ كونا ئاسترونومىيە چۈشەنچەسى بويىچە ئاسماننىڭ بەشىنچى بۇرچى(بۇ بۇرچ شىر شەكلىدە تەسەۋۋۇر قىلىنغان ) ۋە كو
- ئەسەد كىردار — شىردەك ، ئارسلاندەك ؛
- ئەسەدۇللاھ — ئاللاھنىڭ شىرى (ئىسلام تارىخىدىكى تۆتىنچى خەلىپە ئەلىگە بېرىلگەن لەقەب)؛
- ئەسەر — ئىز ، نىشان ، بەلگە ، ئالامەت، تەسىر؛ [ئەسەر ئەيلەمەك،ئەسەر ئەتمەك،ئەسەر قىلماق--تەسىر قىلماق]؛
- ئەسەرلىق — تەسىرلىك؛
- ئەسەس — تۈن قاراۋۇلى ، كېچە ساقچىسى، جىسەكچى؛
- ئەسەف — ئۆكۈنۈش ،ئەپسۇسلىنىش ، ئېچىنىش؛
- ئەسەفا — ئەي ئېسىت! [يا ئەسەفا-- ھەي ، ئېسىت!]؛
- ئەسەڭ — «ئەرسەڭ»نىڭ ۋارىيانتى، «بولساڭ» مەناسىدە ؛
- ئەسەل — بال ، ھەسەل؛
- ئەسەن — ياشانغان ، يېشى ئەڭ چوڭ ، قېرى؛
- ئەسەھ — ئەڭ توغرا ، توپتوغرا ، ئەڭ دۇرۇس؛ [ئەسەھ كەلىمە -- ئەڭ توغرا سۆز]؛
- ئەسباب — ؛«سەبەب» نىڭ كۆپلۈكى : سەۋەبلەر ، باھانىلەر ؛ ئەسۋابلار ؛ قورال-جابدۇقلار،سايمانلار؛[مەئاش ئەسبابى-- تىرىكچىلىك ۋاستىلىر
- ئەسبابى رەزم — ئۇرۇش ئەسۋابلىرى؛
- ئەسبات — ؛«سىبت» نىڭ كۆپلۈكى: ئەۋلادلار ، نەسىللەر ، نەۋرىلەر؛
- ئەسباق — ؛«سەبەق»نىڭ كۆپلۈكى : ساۋاقلار ، دەرسلەر، تەجرىبەلەر؛