لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەركلىك — قۇەرەتلىك ، كۈچلۈك ؛ خوجايىنلىق ، ئىختىيارىلىق ،ئەركىنلىك؛
- ئەركلىگ — ھاكىم، ھۆكۈمدار.
- ئەركمەك — بۇرچۇلماق ، تېرىكمەك ، نارازى بولماق ، قانائەتلەنمەسلىك؛
- ئەركۈنچەك — ئاسما بۆشۈك؛
- ئەركىن ئۇرۇش(پۇتبولدا) — Free kick(ئىسم)--پۇتبول مۇسابىقىسىدە قارشى تەرەپنىڭ قائىدە بۇزۇش خاتالىقى سەۋەبىدىن رېپىر تەرەپىدىن بېرىلىدىغان، ھېچقاند
- ئەركىنە — تاغ بېلى ، تاغ ئېتىكى؛
- ئەركىنلىك — Freedom(ئىسىم)-- بىر ئادەمنىڭ ياكى گۇرۇھنىڭ تاشقى مەجبۇرىيەت، چەكلەش ياكى كونترولدىن خالى ھالدا ئۆز ئىرادەسى بىلەن پىكىر
- ئەركىنمەك — مايىل بولماق، ئاغماق؛
- ئەرگەشمەك — ئەگەشمەك . دورىماق؛
- ئەرگەمەك — بىرىكمەك ، يىغىلماق ، توپلانماق ، جەملەنمەك؛
- ئەرگەنە — چېدىرنىڭ ئىشىكى؛
- ئەرگەنمەك — ئەرگەمەك ؛
- ئەرلات — تۈركىي ئۇرۇقلاردىن بىرىنىڭ نامى؛
- ئەرلىك — ئەرلىك ، قەھرىمانلىق ، باتۇرلۇق ، ئوغۇل بالىلىق؛
- ئەرم — قەدىمىي رىۋايەتتىكى مەشھۇر بىر باغنىڭ ئىسمى ؛ قۇملۇقتىكى يول كۆرسەتكۈچ بەلگە تاش؛
- ئەرمان/ ئەرمەن — ئەمەسمەن؛
- ئەرمەس — ئەمەس؛
- ئەرمەك — ؛1) سۆھبەت ، دىئالوگ؛ 2) يۇڭ توقۇلما؛
- ئەرمەكلەشمەك — سۆزلەشمەك ، پاراڭلاشماق؛
- ئەرمەكلەمەك — ھېكايە ئېيتماق ، سۆزلەمەك؛
- ئەرمەنۋار — ئەرمەنچە؛
- ئەرمەنىي ساز — ئەرمەندە ئىشلەنگەن؛ئەرمەنچە؛ [شەرابى ئەرمەنىي ساز--ئەرمەن شارابى ، ئەرمەندە ئىشلەنگەن شاراب]؛
- ئەرمۇغان — سوۋغا، تارتۇق، ئىنئام
- ئەرمىش — ئىمىش ، مىش؛