لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەرشى ئەئلا — ئەڭ يۇقارى ئەرش ، ئاسماننىڭ ئەڭ يۇقارىسى؛
- ئەرشى فەرسا — ئەڭ يۈكسەك ئەرش ؛ ئەڭ يۈكسەك دەرەجەگە يەتكەنلىكىگە قىلىنغان ياپتا سۆز؛
- ئەرشى مۇئەللا — ئەڭ يۈكسەك ئەرش ، ئەرشى ئەلا؛
- ئەرغەدال — ئېدىر ، ئېىرلىق ؛ جىلغا ؛ چەت - خىلۋەت يەرلەر ؛ پاناھ جاي؛
- ئەرغەدەماق — ئارغاداماق؛
- ئەرغەنون — بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى؛چالغۇ ئەسۋاب تۈرى؛
- ئەرغەۋان خەد — قىزىل يۈز؛
- ئەرغەۋان گۇن — قىزىل؛
- ئەرغەۋان/ئەرغۇۋان — باھاردا چېچەكلەيدىغان بىر خىل زىننەت دەرەخى ، چېچىكى كۆپىنچە قېنىق قىزىل بولىدۇ، سېرىق بولىدىغانلىرىمۇ بار؛
- ئەرغەۋانرىز — قانلىق ياش تۆككۈچى ؛ قاتتىق يىغلىغۇچى؛
- ئەرغەۋانىي — قىزىل ، قىزىل رەڭلىك ، توق قىزىل؛ [ئەرغەۋانىي تون--قىزىل تون]؛
- ئەرغۇشتەك — ئۇسسۇل ئوينىغاندا قولدىن چىقارغان قارسىلماق ؛ ئۇسسۇل،ئويۇن؛
- ئەرفەئ — ئەڭ يۇقارى، ئەڭ يۈكسەك؛
- ئەرفەئى دەرەجات — ئەڭ يۇقارى دەرەجە؛
- ئەرقام — ؛«رەقەم»نىڭ كۆپلۈكى : رەقەملەر ، سانلار، يېزىقلار؛
- ئەرقەم — ئالا - چىپار يىلان ، خالدار يىلان؛ ئالا - چىپار؛
- ئەرك — ؛1) ئىچكى قەلئە ، پادىشاھنىڭ شەھەر ئىچىدەكى قورغىنى؛ ئوردا ؛ 2)كۈچ، قۇدرەتلىك،ئەركىنلىك؛ (3) ھۆرلۈك؛ ئازاتلىق، ئەركىنىلى
- ئەركان — ؛«رۇكىن» نىڭ كۆپلۈكى: ئۇلۇغلار ، كاتتىلار، تايانچىلار؛ تۈۋرۈكلەر؛ [ئۈچ ئەركان---پادىشاھ پۇخرانىڭ ئەركانى، ئاتا بالىنىڭ ئ
- ئەركانى دەۋلەت — دەۋلەت ئەرباپلىرى ، دەۋلەت تايانچلىرى؛
- ئەركەچ — سەركە ، تىكە؛
- ئەركەش — ئۆركەش ، دولقۇن ، مەۋج؛
- ئەركەشمەك — ئامراقلىق قىلماق ، سىلاپ سېپىماق؛ چاقچاق قىلماق ،كۈلدۈرمەك،قىزىقچىلىق قىلماق؛
- ئەركەن — ئىكەن؛
- ئەركلەمەك — كولدۇرلاتماق ، ئەخمەق قىلماق ، مەسخىرە قىلماق ، مازاق قىلماق؛