لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەرزالۇ ئەشراف — يۇقارى - تۆۋەن تەبىقىلەر ، رەزىللەر ۋە ئېسىللەر؛
- ئەرزالى دورد ئاشام — مەي دۇغىنى ئىچىدىغانلار؛
- ئەرزان — ئەرزان ، تۆۋەن باھالىق؛
- ئەرزانلىق — ئەرزانچىلىق ، مولچىلىق؛
- ئەرزانىي — بېرىش ، بېغىشلاش ؛ لايىق كۆرۈش؛ [ئەرزانىي ئەيلەمەك،ئەرزانىي ئەتمەك--بەرمەك ، بېغىشلىماق؛ لايىق كۆرمەك]؛
- ئەرزە داشت — بايان ، بايانات ؛ ئىلتىماس ، تەلەپ ، ئەرزھال؛
- ئەرزەن — كەڭلىك جەھەتتە؛ كەڭلىكتە؛ [ تۇلەن ۋە ئەرزەن--ئۇزۇنلۇقتا ھەم كەڭلىكتە]؛
- ئەرزەندە — ئەرزىيدىغان ، لايىق؛
- ئەرزھال — ئىلتىماسنامە ، شىكايەتنامە ؛ ئەرز؛
- ئەرزۇ — يەر.
- ئەرزى تەزەللۇم — زۇلۇمدىن شىكايەت قىلىش؛
- ئەرزى جەمال — جىلۋە قىلماق؛
- ئەرزى رۇخسار — يۈز كۆرسىتىش ، يۈز ئېچىش؛
- ئەرزى كۇتۇب — كىتابلار دۇنياسى؛
- ئەرزى نىياز — سالام ، دۇئا؛
- ئەرزى ۋەسىئ — كەڭ يەر ، دۇنيا؛
- ئەرسە — ؛(1) ھويلا ، سەينا ، مەيدان ، كەڭ يەر ؛ شاھمات تاختىسى؛ (2) بولسا (شەرت مەناسىنى ئىپادەلەيدۇ )؛
- ئەرسەئى ئافاق — پەلەك ، كۆك ، ئاسمان؛
- ئەرسەئى خاك — دۇنيا ، يەر يۈزى؛
- ئەرسەڭ — بولساڭ؛
- ئەرش — ئاسماننىڭ ئەڭ يۇقارىسى؛ پەلەكنىڭ ئەڭ يۇقارى قىسىمى؛ تەخت ؛ ئەڭ يۇقارى جاي؛ [ئەرش جەناب--ئەڭ يۇقارى مەرتىۋە]؛
- ئەرشەد — ئەڭ ئەقىللىق ، توغرا يولدا قەتئىي ماڭغان ، توغرا مەيداندا تەۋرەنمەي قۇرغان؛
- ئەرشسا — ئەڭ يۈكسەك ، ئەرشكە يەتكەن؛
- ئەرشى ئەئزەم — ئەڭ يۈكسەك ئەرش؛ [ئەرشى ئەئزەم ئەلى--پەرىشتىلەر]؛