لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەرن/ئىرىن — لەۋ ، كالپۇك؛ [ئەقىق ئەرنىڭنى كۆرگەلى كۆزۈم ھالى يەمەن بولدى.--- ياقۇت لېۋىڭنى كۆرگەندىن بۇيان كۆزۈمنىڭ ھالى بەكمۇ خاراب
- ئەرنەك — ئەتراپ ، ئۆپچۆرە، چەت؛ بارماق ئۇچى؛
- ئەرھەم — ئەڭ رەھىملىك ؛ ئىنتايىن مەرھەمەتلىك؛
- ئەرۇر — «دۇر ، تۇر» مەناسىدىكى ھۆكۈم باغلامچىسى؛
- ئەرۇز — ئارۇز ۋەزنى ، ئارۇز ۋەزنى قائىدەسى؛
- ئەرۇس — كېلىن ، كېلىنچەك ؛ يېڭى توي بولغان قىز؛
- ئەرۇسانە — كېلىنلەرچە؛
- ئەرۇسەك — قورچاق ، ئويۇنچۇق ، قونچاق؛
- ئەرۇسى چەرخ/ ئەرۇسى گەردۇن — پەلەك؛
- ئەرۇسى دەھر — ئالەم؛
- ئەرۋاھ — ؛«روھ»نىڭ كۆپلۈكى: روھلار ، ئەرۋاھلار؛
- ئەرى — ھەرە.
- ئەرىتمەك — ئېرىتماق ، سۈرتمەك ؛ تازىلىماق ؛ كۆتۈرمەك؛
- ئەرىز — كەڭ؛ [ئەرىز ۋە ئەمىق-- كەڭ ۋە چوڭقۇر؛
- ئەرىزە — تەلەپنامە؛
- ئەرىشمەك — يېتىشمەك، ئەگەشمەك؛
- ئەرىغ/ئەرىق — ؛1)ئېرىق ؛ 2)پاكىز ، ساپ ، تازا ، تىنىق؛ [ئەرىغ نىييەت-- پاك نىيەت ، ياخشى نىيەت،خالىس نىيەت؛
- ئەرىغسىز — پاسكىنا ، ناپاك؛
- ئەرىغلىغ — ؛1) ئېرىقتىكى ، ئېرىقتا ئاقىدىغان؛ 2) پاكىزلىق ، پاكلىق ، تىنىقلىق؛
- ئەرىك — ؛1) كۈچ ، قۇدرەت؛ كۈچلۈك ، قۇدرەتلىك ، ئەركىن . 2) يىرىك، قاتتىق، زور، يوغان، كاتتا؛
- ئەرىڭ — يىرىڭ؛
- ئەرىڭلەمەك — يىرىڭلىماق؛
- ئەرىلمەك — تازىلانماق ، پاكىزلانماق ؛ ئايرىلماق ، قۇتۇلماق؛
- ئەرىم — ئۈمىد ، ئارزۇ ، ئىستەك ؛