لۇغەتنى كۆرۈش: ۋ
- ۋەجھى ھەسەن — گۈزەل يۈز ؛ ياخشى بانا؛
- ۋەجھى(ۋەجى)؛ — سەۋەپ؛ بانا؛ تۈپەيلى؛تەرەپ؛
- ۋەجىبە — بۇرچ ، بېجىرىلىشى شەرت بولغان ئىش؛
- ۋەجىھ — كۆركەم ، سۆلەتلىك ، كېلىشكەن ؛ ھۆرمەتلىك ؛ شەرەپلىك؛
- ۋەخامەت — قورقۇنچ ، ۋەھىمە ، تەھلىكە ، خەۋپ؛
- ۋەخىم — ئاقىۋىتى يامان ، نەتىجەسى خەۋپلىك؛ ناچار ، زىيانلىق؛
- ۋەدائ/ۋىدائ — ۋىدا ، خەيرلىشىش؛ [ۋەدائ ئەيلەمەك --- خەيرلەشمەك]؛
- ۋەدايىئ — ؛«ۋەدىئ ، ۋەدىئە»لەرنىڭ كۆپلۈكى : ئامانەت قويۇلغان نەرسەلەر؛
- ۋەدە/بېرىلىش — Commitment(ئىسىم)--بىر ئىشقا، كىشىگە، ۋەزىپىگە ياكى مەقسەتكە ئۆزىنى تولۇق بېرىش، مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئېلىش، ۋەدە بېرىش ۋە
- ۋەددۇئا — دۇئا ، تىلەك؛
- ۋەدىئ/ ۋەدىئە — بىراۋغا ئامانەت قويۇلغان نەرسە؛
- ۋەدىئەت — ئامانەت نەرسە ؛
- ۋەر — ؛(1) «ۋەئەگەر»نىڭ قىسقارتماسى؛ (2) بىرەر نەرسەگە بولغان ئىگىلىكنى بىلدۈرگۈچى قوشۇمچە؛ [بەھرەۋەر --- بەھرە تاپقۇچى]؛ [پىش
- ۋەرەئ — دىندا مەنئى قىلىنغان نەرسەلەردىن ئۆزىنى تارتىش ، ھارامدىن ساقلىنىش؛ پەرھىزكارلىق؛ تەقۋالىق ؛ ساداقەتمەنلىك؛ [ئەھلى ۋەرەئ
- ۋەرەئكىش — پەرھىزكار، تەقۋادار؛
- ۋەرەسە — ؛«ۋارىس»نىڭ كۆپلۈكى: ئىزباسارلار ، ۋارىسلار ؛
- ۋەرەق — قەغەز ۋارىقى ، بەرگ ، ياپراق؛ [ۋەرەق ئۈزمەك --- ۋاراق يىرتماق؛ ياپراق ئۈزمەك]؛ [ۋەرەق تا ۋەرەق --- ۋاراقتىن ۋاراققا]؛
- ۋەرەقنەۋەرد/ۋەرەقنىگار — خەت يازغۇچى ، كاتىپ ؛ يازغۇچى ، مۇئەللىپ؛
- ۋەرەم — ئىششىق ، ياللۇغلىنىش ، كۆبجۈش ؛ ئۆسمە؛ [ۋەرەم ھەيئەتى --- ئىششىق شەكلى، ئىششىپ چىققان]؛
- ۋەرتە — گىرداپ ، چوڭقۇر جاي ، ھاڭ ، ھالاكەتلىك جاي ، ھالاكەتلىك ھالەت ؛
- ۋەرد — ئەتىرگۈل؛
- ۋەرزۇقنا — بىزگە رىزىق بەرگىن ، بىزنى باققىن؛
- ۋەرزىش — ئادەت ، مەشىق ، كۆنۈكمە؛ [ۋەرزىش تاپماق --- ئۆگەنمەك ،كۆنۈكمەك ، كۆنمەك]؛ [ۋەرزىش بەرمەك ---- كۆنۈكتۈرمەك ، كۆندۈرمەك]؛
- ۋەز — نۇتۇق؛ سۆز؛ تەربىيەۋى گەپ؛