لۇغەتنى كۆرۈش: ۋ
- ۋاھەسرەتا — ئاھ ھەسرەت؛
- ۋاھىب — ئاتا قىلغۇچى ، بېغىشلىغۇچى ؛ سېخى؛
- ۋاھىد — بىر ، يەككە ، يالغۇز؛ [ئۆزنى مۇتەكەللىم ۋاھىد تۇتماق --- ئۆزىنى بىلەرمەن ، سۆزمەن قىلىپ كۆرسەتمەك، ئۆزىنى بىردىنبىر سۆزم
- ۋاھىدى دانا — يېگانە دانا؛
- ۋاھىم — خام خىيال قىلغۇچى ، خاتا ئويلىغۇچى ، گۇمان قىلغۇچى ، ئەنسىرىگۈچى ، خەۋپسىرىگۈچى؛
- ۋاۋ — ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى« و » ھەرپىنىڭ نامى ؛
- ۋاۋەيلا — پۇشايمان ۋە ئەپسۇسلۇقنى بىلدۈرگۈچى سۆز ، «ئاھ ، ۋاھ ، ئېسىت ،ئەپسۇس ، ئەتتەڭ»قاتارلىق ئىملىقلارغا توغرا كېلىدۇ؛
- ۋايە — ھەسسە ، نېسىۋە؛ بەھرە ؛ ئىستەك ، تىلەك ؛ ئېھتىياج ؛ كۈندەلىك ئادەت؛ مەنىۋى ئوزۇق؛
- ۋەئد — ۋەدە؛ ئۈمىد ؛
- ۋەئز — پەندى - نەسىھەت ، ساۋاق ، ۋەز؛
- ۋەئىد — قورقىتىش ، تەھدىت سېلىش ؛ ئاگاھلاندۇرۇش؛
- ۋەئىللا — ئەگەر..... بولمىسا ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، بولمىسا؛
- ۋەبال — گۇناھ ، ئەيىب ، كەمچىلىك ، ئېغىرلىق ، قىيىنچىلىق ، ئۇۋال؛ [ۋەبال قىلماس ئەدىم ---گۇناھ قىلمىغان ئىدىم]؛
- ۋەتەد — قوزۇق ، ياغاچ قوزۇق؛
- ۋەتەنگاھ — تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاي ؛
- ۋەتىرە — يول ، ئۇسۇل ، تەرز ، رەۋىش ؛
- ۋەجەئ — ئاغرىق ، دەرد ، ئەلەم؛
- ۋەجەب — غېرىچ؛ [ۋەجەب بەر ۋەجەب --- غېرىچمۇغېرىچ ]؛
- ۋەجد — خۇشاللىنىش ، ھاياجان ، ھاياجاندىن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇش دەرەجەسىگە يېتىش ؛ زوقلىنىش؛ [ۋەجد ھال --- ئۆزىدىن كېتىش ، ھاياجا
- ۋەجدە — زوقلىنىش؛ھەددىدىن زىيادە خۇشاللىق؛ ھاياجان؛
- ۋەجدەد — يالغۇزلۇق؛ ۋۇجۇد بىرلىكى؛ بىرپىكىرلىك؛
- ۋەجھ — ؛(1) يۈز ، بەت ، چېھرە؛ (2) ۋەج ، سەۋەب ، بانا ؛ ئۇسۇل ، ئۇسلۇب ، چارە ؛ ئالاھىدىلىك ، بەلگە، ئۇرغۇ (گرامماتىكا) ؛ (3) ئ
- ۋەجھى تەسمىيە — سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى؛
- ۋەجھى مەئاش — تىرىكچىلىك ۋاسىتىسى؛