لۇغەتنى كۆرۈش: ۋ
- ۋەزئ — تەرتىپ ، نىزام ، قۇرۇش ، تىكلەش ، بىنا قىلىش ؛ ھەرىكەت ؛ ۋەزىيەت؛ پىچىم ، يارىتىلىش؛ [كارگاھ ۋەزئ --- دۇنيا تۈزۈلۈشى]؛
- ۋەزئۇتەۋر — تۈزۈلۈش ۋە كۆرۈنۈش؛
- ۋەزئىي — ئىستېمالدىكى ، ئەمەلىيەتتىكى ؛ مۇقىملاشتۇرۇلغان ، ئېنىق بەلگەلەنگەن ؛ كېلىشىۋېلىنغان ، شەرتلىشىلگەن؛
- ۋەزائىف/ۋەزايىف — ؛«ۋەزىفە»نىڭ كۆپلۈكى: ۋەزىپەلەر ، تاپشۇرۇقلار؛ مائاشلار؛
- ۋەزارەت — ۋەزىرلىك؛ [ۋەزارەت زەيلۇچەسى --- ۋەزىرلىك ئورنى]؛
- ۋەزارەت ئىياب — ۋەزىرلىك دەرەجەسىگە كۆتۈرۈلگەن؛
- ۋەزان — چىققان ، سوققان ، ئەسكەن (شامال)؛
- ۋەزمىن — ئېغىر؛ ئېغىر بېسىقلىق؛
- ۋەزن — ۋەزىن ، ئۆلچەم ؛ ئېغىرلىق؛ [ۋەزن كەففە --- تارازا ، گىر]؛
- ۋەزىئ — پەس ، تۆۋەن ، يارىماس ، ئىپلاس؛ تۆۋەن تەبىقىدىكى؛
- ۋەزىپە، ئىش — Task(ئىسىم/پېئىل)--تاماملىنىشى كېرەك بولغان بەلگەلىك بىر ئىش، ۋەزىپە، ئىقتىدار دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەتتە كىچىك
- ۋەزىد / ۋەزىدەن — ؛«ئەسلەمەك» پېئىلىنىڭ ئۆتكەن زامان شەكلى : ئەستى ،چىقتى (شامال) ؛
- ۋەزىفە — تاپشۇرۇق ، ۋەزىپە ؛ مائاش ، ئايلىق؛ نەپەقە؛
- ۋەزىن — ئېغىرلىق؛ ئۆلچەم؛ مىقدار؛ شېئىرلاردا مىسرالارنىڭ ئۆلچەمى؛
- ۋەسائىت — ؛«ۋاسىتە»نىڭ كۆپلۈكى : ۋاسىتىلەر ، چارىلەر ، تەدبىرلەر ،مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئىشنىڭ ھەل قىلىنىشىغا باغلىنىشلىق ئىشلار؛
- ۋەسايىل / ۋەسائىل — ؛«ۋەسىلە»نىڭ كۆپلۈكى : چارىلەر ، ئۇسۇللار؛
- ۋەسەت — ئوتتۇرا، مەركەز؛ بەل؛
- ۋەسەتلىق — ئوتتۇرىلىق؛ خالىسلىق ، خالىس ، ئوتتۇرىدا تۇرۇش؛
- ۋەسساف — تەرىپلىگۈچى ، سۈپەتلىگۈچى ، ماختىغۇچى؛
- ۋەسسەلام — بۇ سۆز «بولغىنى شۇ ، تامام ، تۈگىدى» دېگەنگە ئوخشاش مەنالارغا ئىگە بولۇپ ،ئادەتتە خەت - چەكلەرنىڭ ئاخىرىغا يېزىلىدۇ؛
- ۋەسف — تەرىپ ، ماختاش ، سۈپەتلەش؛ [ۋەسف ئەتمەك --- تەرىپلىمەك ، ماختىماق]؛
- ۋەسل — يېتىشىش ، ئېرىشىش ؛ ئۇچرىشىش ، قوشۇلۇش ؛ باغلىنىش ، مۇناسىۋەت؛ [ۋەسىف تاپماق --- يېتىشمەك ، ئېرىشمەك ، قوشۇلماق]؛ [شەبىۋ
- ۋەسلە/ۋۇسلە — ياماق؛ پارچە ؛ [ۋەسلە -ۋەسلە --- پارچە - پارچە]؛
- ۋەسلى جانان — جانانغا ئېرىشمەك؛