لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھەمئىنان — بىرلەشكۈچى ، بىرگە ماڭغۇچى ، يولداش؛
- ھەماغۇش — قۇچاقلاشقان؛ [ھەماغۇش ئەيلەمەك --- قۇچاقلىماق، بىرىكتۈرمەك]؛
- ھەماقەت — ئەخمەقلىق ؛ قالاقلىق ، بىلىمسىزلىك ، مەدەنىيەتسىزلىك ، دۆتلۈك؛ ھاماقەت؛
- ھەمان — تەڭ ، باراۋەر ؛ خۇددى ، ئۆزى ، بىردەك ، بىر خىل ؛ دەل ئاشۇ ،پەقەتلا ؛
- ھەمانا — خۇددى ئۆزى ، شۈبھىسىز ، دەرۋەقە ؛ ئەنە شۇنداق ، شۇ خىلدىكى؛ قاچانكى ، ھامان ؛
- ھەمانچە — ئاشۇنچە؛
- ھەماندىك — ئەنە شۇنداق؛
- ھەماۋەرد — ئېلىشقۇچى ، قارشىلاشقۇچى ، كۈرەشكۈچى ، ئۇرۇشقۇچى؛ [ھەماۋەرد بولماق، ھەماۋەرد ئولماق --- ئېلىشماق]؛
- ھەمايىل — يەلكە ۋە قولتۇق ئارقالىق ئۆتكۈزۈپ تاقىلىدىغان باغ ، تاسما (مەسىلەن ، قىلىچ ياكى بوغچىنىڭ بېغى)؛ [ قولنى ھەمايىل قىلماق -
- ھەمە — پۈتۈن ، بارلىق ، ھەممە؛
- ھەمەك — چوڭ ھەم نېپىز قىلىپ يېقىلغان تونۇر نېنى؛
- ھەمەل — قوزا ، پاخلان؛ كونا ئاسمانشۇناسلىقتا ئون ئىككى بۇرجنىڭ بىرىنچىسى (بۇ بۇرج قوي شەكلىدە پەرەز قىلىنغان) ؛ شەمسىيە يىلى ھېس
- ھەمبەر — ھەمراھ ، سەپەرداش ، مۇڭداش ، پاراڭلاشقۇچى ، باراۋەر ، ئوخشاش ،تەڭ؛
- ھەمپاي،ھەمپا — ھەمراھ ، يولداش ، سەپەرداش؛
- ھەمپەر — بىرگە ئۇچقۇچى ، بىرلىكتە ئۇچقۇچى؛ كۆچمە مەناسى: ھەممە ئىشتا بىرگە بولغۇچى؛
- ھەمپىشە — كەسىپداش ، بىر ھۈنەردىكى كىشىلەر ؛
- ھەمتەك — بىرگە يۈرگۈچى ، بىرگە ماڭغۇچى ، يۈگۈرۈشتە تەڭ؛
- ھەمتەكلىك — ھەمراملىق ، سەپەرداشلىق؛ [ھەمتەكلىك ئەتمەك --- بىرگە بارماق ، ھەمراھ بولماق]؛
- ھەمجىنس — بىر جىنستىن بولغان ، جىنسداش ، بىر خىلدىكى ، بىر تۈرگە مەنسۇپ؛
- ھەمجىھەت — تەرەپدار ، ھەمراھ؛
- ھەمجىھەتلىق — بىر تەرەپتە تۇرىدىغان ، تەرەپدارلىق ، ھەمراھلىق؛ [ھەمجىھەتلىق قىلماق --- بىللە بولماق ، بىر سەپتە بولماق]؛
- ھەمخابە — بىرگە ياتغۇچى؛ ياتاقداش ؛ ئەر - خوتۇن؛
- ھەمخانە — بىر ئۆيدەكىلەر؛ بىر ئۆيدە ئولتۇرىدىغانلار؛
- ھەمد — ماختاش ، مەدھىيەلەش؛ [ھەمدۇسەنا --- ماختاش ۋە مەدھىيە]؛