لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھەمدەست — قولداش ، ياردەمچى ؛ بىرگە ئىشلىگۈچى ، بىرلەشكۈچى؛
- ھەمدەستانە — بىرلىكتە ، بىرلىشىپ ؛
- ھەمدەستانلىق — سۆھبەتداشلىق؛
- ھەمدەستلىغ — بۆلەكداشلىق ، ئورتاقلىق ، قولداشلىق؛
- ھەمدەم — يار-يۆلەك؛ ھەمنەپەس.
- ھەمدەم — ئۈلپەت ، بىرگە يۈرگۈچى ؛ دوست ؛
- ھەمدۈش — ھەمراھ ؛ تەڭتۇش ؛ بىللە يۈرگۈچى ، خانىداش؛
- ھەمرائ — ؛«ئەھمەر»نىڭ كۆپلۈكى: قىزىل ، قىزىل رەڭلەر؛ [بادەئى ھەمرائ --- قىزىل مەي]؛
- ھەمراز — سىرداش ، سىرداش دوست؛ [ھەمراز بولماق --- سىرداشماق ، سىرداش دوست بولماق]؛
- ھەمراھ — بىللەيۈرگۈچى؛
- ھەمراھ/ھەمرەھ/ھەمتەرىق — يولداش ، بىر يولدا ، بىرلىكتە ماڭغۇچى؛
- ھەمزاد — تەڭ ياشلىق ، تەڭ بويلۇق ؛ قارىنداش؛
- ھەمزەبان — بىر تىلىدا سۆزلەشكۈچى ، سۆھبەتداش ؛ بىللە بولغۇچى؛ [ھەمزەبان بولماق ---پاراڭلاشماق]؛
- ھەمزەك — تېگى كۆك، گۈللۈك ماتا.
- ھەمسال — تەڭداش ، بويداش ، تەڭ بويلۇق ، تەڭ ياشلىق؛
- ھەمسايە — قوشنا؛
- ھەمسەبەق — ساۋاقداش ، بىرگە ئوقۇغۇچى ، سىنىپداش؛
- ھەمسەرلىق — باراۋەرلىك ، تەڭلىك؛
- ھەمسەڭ — ئېغىرلىقتا باراۋەر؛
- ھەمسەير — يولداش ، بىرگە كەزگۈچى ، بىرلىكتە سەيلە قىلغۇچى؛
- ھەمشۇرب — ئۈلپەت ، بىللە ئىچكۈچى؛
- ھەمشىرە — قىز قارىنداش ، ئاچا - سىڭىل ؛
- ھەمفەن — كەسىپداش؛
- ھەمقەد — تەڭ بويلۇق ، تەڭداش ؛ بويدا باراۋەر؛