لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھەككاك — قىممەت باھا تاش ۋە مېتاللارنى يۇنۇپ ، تاراشلاپ پەردازلىغۇچى ،ئۇلارغا خەت ، نەقىش ئويغۇچى؛
- ھەكىم — دانىشمەن؛ پەيلاسوپ؛ تېۋىپ؛ دوختۇر؛ چىۋەر ، دانا ؛ ئالىم؛
- ھەكىمانە — ھېكىملەرچە ، دانىشمەنلەرچە ، پەيلاسوپلاردەك ؛ چىۋەرلىك بىلەن؛
- ھەكىمۋەش — ھېكىم سۈپەت ، دانىشمەن سۈرەت ، دانىشمەنگە ئوخشاش؛
- ھەڭگام — ۋاقىت؛ زامان.
- ھەل قىلىش/قارار — Resolve(پېئىل/سۈپەت)--پېئىل بولغاندا بىرەربۈيۈك مەسىلە، مۈشكۈلات ياكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش، يېشىش ياكى يېڭىش دېگەن م
- ھەل/ھەلل — ھەل قىلىش ؛ يېشىش ، ئېچىش ، يورۇتۇش ؛ ئېرىتىش ، ئاجرىتىش؛ تەھلىل قىلىش؛ [ھەل قىلماق، ھەل ئەتمەك --- ھەل قىلماق ،يەشمەك،
- ھەلاك — گۇم ، گۇمران ، يەر بىلەن يەكسان بولۇش ، ئۆلۈش ، ھالاك؛
- ھەلال — قانۇنلۇق ، مۇۋاپىق ، توغرا ، پاك ، پاكىز ؛ ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن نەرسە؛
- ھەلاھىل — تەسىرى ئۆتكۈر ، ئۆلتۈرگۈچى ، ئەجەللىك ، ھالاكەتلىك؛ [زەھرى ھەلاھىل --- ئۆلتۈرگۈچى زەھەر، ئۆتكۈر زەھەر]؛
- ھەلاۋەت/ھەلاۋە — لەززەت ، زوق ، شىرنەلىك ، تاتلىقلىق؛ [ھەلاۋەت تاپماق --- لەززەتلەنمەك]؛
- ھەلەب — سۈرىيەدىكى بىر شەھەرنىڭ ئىسمى؛
- ھەلەبىي — ھەلەب شەھەرىگە مەنسۇپ ، ھەلەبلىك؛
- ھەلق،ھەلقۇم — تاماق ، كاناي ، بوغۇز؛
- ھەلقە — ھالقا ، دائىرە ، كاتېگورىيە؛ [ھەلقە بەگوش --- (قۇلىقىدا ھالقاسى بار) قۇل ؛ سادىق ، سەمىمىي؛
- ھەلقەئى زۇلف — چاچ ھالقىلىرى ، چاچ بۈدۈرلىرى؛
- ھەلقەئى مو — توزاق ؛
- ھەلقەۋار — ھالقاسىمان ، ھالقىغا ئوخشاش؛
- ھەلقۇم — كېكىرتەك؛ بوغۇز؛ تاماق.
- ھەللاج — چىغرىقتا پاختىنى چىگىتتىن ئايرىغۇچى؛ كۆچمە مەناسى: ئىنچىكە كۆزەتكۈچى،تەپسىلىي تەكشۈرىدىغان؛
- ھەللال — ھەل قىلغۇچى ، يەشكۈچى ، ئاچقۇچى ، ياراشتۇرغۇچى؛
- ھەلىم — يۇۋاش ، مۆمىن ، سەۋرچان ، تاقەتلىك ، كەڭ قورساق ئادەم ؛
- ھەم — غەم - قايغۇ ، مۈشكۈلچىلىك ؛ ئەنسىزلىك ، خاتىرجەمسىزلىك؛
- ھەمئەسر — زامانداش ، ئەسىرداش ، بىر دەۋردە ياشىغانلار ؛