لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھەفتاد — يەتمىش؛ [ھەفتاد دۇمىللەت --- يەتمىش ئىككى مىللەت ،ئالەم خەلقى]؛
- ھەفتجوش — ئەبجەش ، ئارىلاشما ، يەتتە خىل مەدەن ئارىلاشماسىدىن بولغان مېتال؛
- ھەفتخان — رىۋايەتكە كۆرە ، رۇستەم بېسىپ ئۆتكەن دەھشەتىلىك ، خەۋپ - خەتەرلىك يەتتە مەنزىل ، ئەڭ قىيىن يول ، قىيىن ئۆتكەل؛
- ھەفترەڭ — يەتتە رەڭ ، يەتتە خىل رەڭ؛
- ھەق/ خىراجەت — ھەق/ خىراجەت-- بىر مال-تاۋار، مۇلھەمەت ياكى پائالىيەت ئۈچۈن تۆلەنمەسى كېرەك بولغان پۇل ياكى باھانى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىقتىسا
- ھەقارەت — پەسلىك، شەرمەندەلىك؛ پەس كۆرۈش، كەمسىتىش؛ سۆكۈش؛
- ھەقايىق — ؛«ھەقىقەت»نىڭ كۆپلۈكى : ھەقىقەتلەر؛ [ھەقايىق ئاسار --- ھەقىقەت ئەسەرلىكلەر، ھەقىقەتچىلەر]؛
- ھەقسىز
- ھەقشۇناس — كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقلىرىنى تەقدىرلىگۈچى؛ ھەممەنى تەڭ ئويلىغۇچى ، ھەممە تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بەرگۈچى؛
- ھەقق — توغرا ، راست ؛ ئادىللىق ، ئادالەت ؛ ھەقىقەت ؛ ھوقۇق؛ ئىش ھەققى ،تۆلەم ؛ ئاللاھ ،خۇدا؛
- ھەققا — ؛(1) ھەق ، ئى ئاللاھ ، خۇدايا ؛ (2)ھەقىقەتتە ؛ ھەقىقەتەن؛
- ھەققانىيەت — چىنلىق ، توغرىلىق ، راستلىق ، ئادالەت؛
- ھەققەن — ھەقىقەتتە ؛ ھەقىقەتەن؛
- ھەققۇللاھ — خۇدا ھەققى ، ئاللاھ ئۈچۈن دەپ دېھقانلاردىن ئۈندۈرۈلىدىغان دىنىي سېلىق (بۇرۇنقى زاماندا)؛
- ھەققۇنناس — كىشىلەر ھەققى ، باشقا ئىنسانغا تېگىشلىك نەرسە ؛ ئىنسانلار ھوقۇقى؛
- ھەقگۇي،ھەقگۇ — راستچىل ، توغرا سۆزلۈك؛ [ھەقگۇي قۇش --- ھەق قۇش]؛
- ھەقىر — تۆۋەن ، پەس ، قەدىرسىز ، ئېتىبارسىز ، خار ؛ كۈچسىز؛ [ھەقىر جۇسسەلىك --- كىچىك گەۋدىلىك ، پاكىنەك]؛
- ھەقىقەت — Fact (ھەقىقەت)--ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان نەرسە،ئوبيېكتىپ، ئۆلچەشكىلى بولىدىغان، كونكرېت ۋەقە ياكى ھەقىقەت ، رېئاللىق ، ئەم
- ھەقىقەت مەئاب — ھەقىقەت مەنبەسى ؛ ھەقىقەتچى؛
- ھەقىقەت، راستلىق — Truth(ئىسىم)--ھەقىقەتتە بار بولغان، راست، توغرا، يالغان ئەمەس، ئۆزگەرمەس ھەقىقەت، چىنلىق، راستچىلىق مەناسىنى بىلدۈرىدۇ.
- ھەقىقەتەن — راستلا ، چىندىن ؛ ئەمەلىيەتتە ؛ ماھىيەتتە؛
- ھەقىقەتبىن — ھەقىقەتچى؛
- ھەك،ھەكك — مېتال ، تاش ، ياغاچ قاتارلىق نەرسەلەر ئۈستىگە نەقىش ئويۇش ؛ قىرىش ،تاراشلاش ،سىلىقلاش ؛ سۈرتۈش ، ئۆچۈرۈش؛
- ھەكەم — جاڭجال ۋە دەۋادا ئىككى تەرەپنىڭ ئاراسىغا چۈشۈپ ، لىللاھ ھۆكۈم قىلغۇچى ، ئاجرىتىپ قويغۇچى ، ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ؛ رىپىر؛