لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھەستلىغ — ئۆزىنى مەۋجۇت ھېسابلاش ؛ بارلىق مەۋجۇتلۇق؛ [ھەستلىغ رەنجۇرلۇغ --- ھاياتلىق مۈشكۈلاتلىرى]؛
- ھەسر — چەكلەش ، قىسىش ؛ مۇھاسىرىگە ئېلىش ؛ چەك - چېگرا ؛ تۇتۇش ، توختاتىش؛ [ھەسر بولماق --- سىقىلماق]؛
- ھەسرەت — ئەپسۇسلۇق ، نادامەت ، غەم - غۇسسە ؛ زارىقىش ، سېغىنىش،قىزغىنىش ، ئىشتىياق؛
- ھەسرەتكەش — ھەسرەت چەككۈچى ، غەم قىلغۇچى ، قايغۇلۇق ئادەم؛
- ھەسۇد — ھەسەتخور؛
- ھەسىر لىباس — بورىغا ئوخشاش قۇراق تون؛
- ھەسىرا — بورا؛ چىپتا؛
- ھەسىرباف — بورا توقۇغۇچى؛
- ھەسىن — ؛(1) مۇۋاپىق ، مۇناسىپ؛ (2) مۇستەھكەم ، يىمىرگىلى بولمايدىغان؛ قورغان ، قەلئە؛ [توققۇزىنچى ھەسىن --- (كۆچمە مەناسى) ئاسم
- ھەشەر — توپ ، گۇرۇھ ؛
- ھەشەرات — قۇرت - قوڭغۇزلار ، چەرەندە؛
- ھەشەم — يېقىن كىشى ، بىراۋنىڭ يېنىدا ھەردائىم بىرگە بولغۇچى ؛ قەبىلە ،ئەل ، جامائەت ؛ مەرتىۋە ،دەرەجە؛
- ھەشەمەت — داغدۇغا؛كاتتا؛ بۈيۈك ئېتىۋار؛ ھۆرمەت؛
- ھەشەمەتلىك — Gorgeous(سۈپەت)--ئىنگىلىز تىلىدا بۇ سۆز ئىنتايىن كۈچلۈك گۈزەللىكنى ،ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش ياكى نەرسەلەرنى سۈپە
- ھەشت — سەككىز؛
- ھەشتتار — سەككىز تارلىق بىر خىل چالغۇ؛ چالغۇ ئەسۋاب تۈرى؛
- ھەشر — توپلانىش ، يىغىلىش ، چوڭ يىغىن ؛ قىيامەت كۈنى (دىنىي) ، تىرىلىش؛
- ھەشرگاھ — قىيامەتتىكى يىغىلىش مەيدانى (دىنىي) ؛
- ھەشقىپىچەك — ھەشقىپىچەك؛ ئۆسۈملۈك تۈرى؛
- ھەشمەت — ئۇلۇغلۇق ، يۇقارى ئابرۇي ، ھۆرمەت؛
- ھەشۋ — ئارتۇقچە سۆز ، قۇرۇق گەپ ؛ ماۋزۇدىن چەتنىگەن سۆز؛
- ھەشىۋ — بىھۇدە؛مەناسىز؛
- ھەفت — يەتتە؛ [ھەفت ئىقلىم --- يەتتە ئىقلىم ، پۈتۈن دۇنيا]؛
- ھەفت ئەۋرەڭ — يەتتە تەخت ؛ ئابدۇررەھمان جامىينىڭ بىر ئەسەرىنىڭ نامى؛