لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھەززال — ھەزىلچى ، مازاقچى ، قىزىقچى ؛
- ھەززى شافي — كۆپ بەھرە ، يېتەرلىك بەھرە ؛
- ھەزل — چاقچاق ، كۈلكەلىك گەپ (ئىش ) ، لەتىپە ، قىزىقچىلىق ؛ مازاق ،مەسخىرە؛
- ھەزلىييات — كۈلكەلىك گەپلەر ، لەتىپىلەر ، قىزىقچىلىقلار ؛ مازاقلار؛
- ھەزم — ئېھتىياتچانلىق ، ئويلاپ ئىش قىلىش ؛ مۇستەھكەملىك ؛ قەتئىيلىك ،جەزمەنلىك؛
- ھەزىرە — ئەتراپى چۆرىدەپ توسۇلغان قەبرىستان ؛ قاشالىق قوتان؛ ئەتراپى ئىھاتىلەنگەن جاي؛
- ھەزىز — ئەڭ پەس ، ئەڭ تۆۋەن ، تۆۋەنلىگەن ؛ تۇپراق ، بازا ، ئاساس ، ئۇل؛
- ھەزىل — چاقچاق.
- ھەزىلكەش — چاقچاقچى؛
- ھەزىمەت — ئارقىغا قايتىش ، چېكىنىش ، قېچىش ، تىكىۋېتىش؛ [ ھەزىمەت ئەيلەمەك، ھەزىمەت ئەتمەك --- چېكىنمەك ، قاچماق ، تىكىۋەتمەك]؛
- ھەزىن — قايغۇلۇق ، ھازىدار ، مۇڭلۇق ، غەمكىن ، ھەسرەتلىك؛ [ھەزىن نەغمە --- مۇڭلۇق كۈي]؛ [ھەزىن دل --- غەمكىن كۆڭۈل]؛ [ھەزىن تەرا
- ھەزىنلىغ — غەمكىنلىك؛
- ھەسەب — ئەجداد شەرەپى ، تۆھپە كۆپلۈكى ئەھساب؛
- ھەسەبە — بىر خىل كېسەل؛
- ھەسەد — كۆرەلمەسلىك ، قىزغىنىش ، ھەسەت؛
- ھەسەدكار — قىزغانچۇق ، ھەسەتخور ، كۆرەلمىگۈچى؛
- ھەسەن — ياخشى ؛ گۈزەل ، چىرايلىق؛ [ۋەجھى ھەسەن --- گۈزەل چىراي]؛
- ھەسەنات — ؛«ھەسەنە»نىڭ كۆپلۈكى : ياخشىلىقلار ، ياخشى ئىشلار ،تۆھپىلەر ، سەدىقىلەر؛
- ھەسەنە — ياخشىلىق ، ياخشى ئىش - ھەرىكەت ؛ تۆھپە ، سەدىقە؛
- ھەسب — ؛.......گە ئاساسەن، .......نى كۆزدە تۇتۇپ ، بويىچە ، ئاساسەن ؛ ھېسابلاش؛ ھېساب؛
- ھەسبى ھال — ئەھۋالغا مۇۋاپىق ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن؛ تەرجىمىھال؛
- ھەسبىلئەمىر — بۇيرۇققا بىنائەن ، يوليورۇققا ئاساسەن ؛
- ھەسبىلئىمكان — ئىمكانىيەتكە ئاساسەن ، ئىمكانغا قاراپ؛
- ھەست — مەۋجۇت ، بار؛