لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھەرۇنلۇق — جاھىللىق ؛ بوينى قاتتىقلىق ، كاجلىق؛
- ھەرىر — يىپەك ؛ يۇپقا ۋە نازۇك ، توقۇلما رەخت ، دۇردۇن؛
- ھەرىس — تەقەززا ، بىر ئىشقا بېرىلگەن ، بەك ئارزۇ قىلغۇچى ؛ ئاچ كۆز ،تەمەخور؛
- ھەرىسە — گۆش بىلەن بۇغداي يارمىسىدا قىلىنغان بىر خىل تاماق ، يارما ئاش؛
- ھەرىف — قارشى تەرەپ ، رەقىب ؛ شىرىك ، بىرگە ئىشلىگۈچى ، كەسىپداش؛ ئۈلپەت؛ بۇرادەر؛
- ھەرىفانە — شېرىكچىلىك ؛ ئۈلپەتچىلىك؛
- ھەرىق — كۆيگۈچى ، يانغۇچى ؛ كۆيدۈرگۈچى ، ياندۇرغۇچى ، ئوت كېتىش؛ [ھەرىق ئەتمەك ---كۆيدۈرمەك]؛ [ھەرىق بولماق --- كۆيمەك]؛
- ھەرىكەت — Motion(ئىسىم/پېئىل)--ئىسىم شەكلىدە ھەرىكەت، يۆتكىلىش، قىمىرلاش؛ قانۇندا تەكلىپ، ئىلتىماس؛ بەدەن ھەرىكەتى؛ پېئىل شەكلىدە
- ھەرىكەت — Behavioral(سۈپەت)--ئىنسان، ھايۋان ياكى ئورگانىزمنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلى، ماڭا-تۇرۇشى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتقا بولغان ئىنكا
- ھەرىكەت/ئاكسىيون — Action(ئىسىم/پېئىل)--كۆپ مەنالىق بولۇپ، ئاساسەن بەش تۈرلۈك مەنانى بىلدۈرىدۇ. (1) بىرەر ئىشنى قىلىش، ھەرىكەت قىلىش جەريان
- ھەزار — ؛(1)مىڭ ؛ (2)بۇلبۇل؛
- ھەزارە — ئافغان قەبىلىلىرىدىن بىرى؛
- ھەزارۇ ھەزار — مىڭلاپ - مىڭلاپ؛
- ھەزاقەت — ماھىرلىق ، چەبدەسلىك ، چاققانلىق، ئۇستىلىق ، پىششىقلىق،بىلمىچانلىق ؛ تېۋىپلىق؛
- ھەزەر — ؛(1) ئېھتىيات ، ساقلىنىش ، ئۆزىنى تارتىش؛ [ھەزەر ئەيلەمەك --- ساقلانماق ، ئۆزىنى تارتماق، ئېھتىيات قىلماق]؛ (2) تۇرغۇنلۇ
- ھەزەر ئەيلىمەك — ساقلانماق؛ ئېھتىيات قىلماق.
- ھەزەر قەترە(ھازەر قەترە)؛ — مىڭ ھەسسە كۆپ؛
- ھەزەرات — ؛«ھەزرەت»نىڭ كۆپلۈكى : ھەزرەتلەر ، جانابلار ، ئۇلۇغلار؛
- ھەزەرۇلمەۋت — ئۆلۈم ئالدى، ئۆلۈش پەيتى؛
- ھەزەلقىياس — شۇ يوسۇندا، شۇنداق قىلىپ؛
- ھەزەيان/ھەزەيانات/ھەزيان — بىمەنە سۆز ، ئالجىش ، جۆيلۈش؛
- ھەزرەت — ؛(1) ھەزرەت ، جاناب ، ھۆرمەتلىك زات؛ (2) ئالد ، ھۇزۇر؛
- ھەزرەتى ۋالا — يۇقارى دەرەجەلىك؛
- ھەزز — ھالاۋەت ، لەززەت ؛ بەھرە ؛ شادلىق ؛ تەلەي ، ئامەت؛ [ھەزز تاپماق --- لەززەتلەنمەك]؛