لۇغەتنى كۆرۈش: گ
- گۇرزە — گۇرزا؛ قەدىمىي پادىشاھلاردا بولىدىغان پادىشاھلىق ھوقۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كالتەك ،پادىشاھلىق كالتىكى ؛ ھاكىمىيەت ناما
- گۇرۇپپا — ئومۇمىي توپقا ياكى ھەرقانداق نەرسە ،كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىدىغان سۆز ؛
- گۇرۇز — قېچىش؛
- گۇرۇھا - گۇرۇھ — دۆۋە - دۆۋە ، توپ - توپ ، ناھايىتى كۆپ؛
- گۇرۇھە — يۇمىلاق نەرسە ، ساقا ، كامالەك بىلەن ئاتىدىغان يۇمىلاق ئوق؛
- گۇرىز — قېچىش ، قېچىپ كېتىش ؛ ئايرىلىش ، يىراقلىشىش ؛ چەتنەش ، ئۆزىنى قاچۇرۇش؛
- گۇرىزان — قاچقان ، قاچقۇن ، قاچاق ؛ ئۆزىنى قاچۇرغان ، باش تارتقان؛قاچقان ھالدا؛ [گۇرىزان ئەيلەمەك --- قاچماق ، تىكىۋەتمەك]؛
- گۇزار — ئۆتۈش ، بېسىپ ئۆتۈش ، ئۆتىدىغان يول ، يول؛ [گۇزار ئەيلەمەك، گۇزار ئەتمەك، گۇزار قىلماق ---- ئۆتمەك ، بېسىپ ئۆتمەك]؛ [گۇز
- گۇزارە — ئۆتۈش؛ [گۇزارە قىلماق --- ئۆتمەك]؛
- گۇزارەندە — ئۆتكۈچى ، ئۆتكۈزگۈچى ، كەچۈرگۈچى ، ئادا قىلغۇچى ؛ بايان قىلغۇچى ، نەقىل قىلغۇچى، ھېكايىچى؛ [سۆز گۇزارەندە --- سۆزلەگۈچى
- گۇزارىش — ئۆتكۈزۈش ؛ ھېكايە قىلىش ، نەقىل قىلىش؛ ھېكايە ، نەقىل؛ [گۇزارىش قىلماق --- ھېكايە قىلماق ، سۆزلەمەك ، بايان قىلماق]؛ [گۇ
- گۇزەر — ئۆتۈش ، كېچىش ، ئۆتىدىغان جاي ، كېچىك؛ [گۇزەر ئەيلەمەك، گۇزەر قىلماق --- ئۆتمەك]؛
- گۇزەرا — ئۆتكۈنچى ، بىردەملىك ، ۋاقىتلىق؛
- گۇزەربەندلىق — كېچىكنى توسۇش؛
- گۇزەرگاھ — ئۆتكەل ، ئۆتۈش جاي ؛ كېچىك؛
- گۇزەرىي — ئۆتكۈنچى ؛ ئۆتكۈچى؛
- گۇزىر — چىقىش يولى ؛ چارە ، ئىلاج ، ئامال ، تەدبىر؛ قېچىش؛ [يوق گۇرىز --- ئىلاج يوق، قىچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس]؛
- گۇزىن — تاللانغان ، خىللانغان ، تونۇشلۇق ، ئاتاقلىق ، مەشھۇر؛ [فەرھادى گۇزىن --- ئاتاقلىق پەرھات]؛
- گۇستاخ — ئەدەپسىز ، ئۇياتسىز ، تارتىنىشنى بىلمەيدىغان ؛ ئەيمەنمەيدىغان ،يۈزى قېلىن ؛ قارام ، تەلۋە؛
- گۇستاخانە — ئەدەپسىزلىك بىلەن ، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ، بىشەملىلك قىلىپ ،ئەيمەنمەستىن ،نومۇسسىزلارچە ؛ باتۇرلارچە ، قەيسەرانە؛
- گۇستاخليغ — ھاياسىزلىق ، ھاكاۋۇرلۇق ، بىشەملىك ، نومۇسسىزلىق ، قوپاللىق؛ [گۇستاخليغ ئەيان قىلماق --- ھاياسىزلىق قىلماق ، بىشەملىك قى
- گۇستەر — بىرىكمە تەركىبىدە «تارقاتقۇچى ، يايغۇچى» مەنالىرىدە كېلىدۇ؛ [زۇلمگۇستەر --- زۇلۇم قىلغۇچى ، زالىم]؛ [روھ گۇستەر --- روھل
- گۇسىستە — ئۈزۈلگەن ئۈزۈك ؛ سۇنۇق ؛ سۇندۇرۇلغان ؛ ئاجرالغان ، چۇۋۇلغان؛
- گۇسىل — ؛(1) ئۈزۈلۈش ، سۇنۇش ؛ سۇندۇرۇش ، ئۈزۈش؛ [گۇسىل تاپماق --- ئۈزۈلمەك ، سۇنماق]؛ (2)بىرىكمە تەركىبىدە «ئۈزگۈچى ، سۇندۇرغۇچ