لۇغەتنى كۆرۈش: گ
- گۇش — قۇلاق؛
- گۇشادە — كەڭ - كۇشادە؛
- گۇشتىگىرلىك — پەلۋانلىق؛ بەدەن تەربىيەسى ھەققىدەكى ئىلىم؛
- گۇفت — سۆز ، نۇتۇق، گەپ؛
- گۇفتار — سۆز ، گەپ ، سۆزلەش ، گەپلىشىش ، سۆھبەت؛ [پاك گۇفتار --- پاك سۆز ، چىن سۆز]؛ [ گۇفتار ئەتمەك --- سۆزلەمەك ؛ سايرىماق]؛
- گۇفتۇشۇنىد، گۇفتۇ شۇنۇفت — سۆزلەش ۋە ئاڭلاش ، سۆزلەشىش ، گەپ - سۆز ،بەس - مۇنازىرە ؛
- گۇفتۇگۇزار — سۆزلەشىش ، گەپ - سۆز؛
- گۇفتىگۇ،گۇفتىگۇي،گۇفتۇگۇ — سۆزلەشىش ، سۆھبەت ، كېڭەش ؛ مۇنازىر، ، گەپ تالىشىش؛ [گۇفتىگۇ قىلماق ---سۆزلەشمەك ؛ مۇنازىرە قىلىشماق]؛
- گۇگۇسۇن — ھارۋا چاقى قاتارلىقلارنىڭ چەمبىرىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان شادىلار؛ نەرسلەرنىڭ ئىچىدىن تۇتۇپ تۇرىدىغان چازا*؛
- گۇگۇم — Dusk(ئىسىم)--كۈن پاتقاندىن كېيىن، تولۇق قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن بولغان يېرىم قاراڭغۇ، يېرىم يورۇق ۋاقىتنى، كەچقۇرۇن ۋاقتى
- گۇگىرد — گۈڭگۈرت؛ [گۇگىرد ئوتى --- گۈڭگۈرت دوراسى ؛ گۈڭگۈرت]؛
- گۇگىردى ئەھمەر — قىزىل گۈڭگۈرت؛
- گۇڭگا — غۇۋا؛ خىرە؛ گوڭۇر - موڭۇر پاراڭلاشماق؛
- گۇل — گۈل ؛ [گۇل ئاتەشىن --- ئوت رەڭلىك گۈل ، قىزىل گۈل ،چوغدەك قىزىل گۈل؛ [گۇللار ئاچماق --- قىزارماق ، تاۋلانماق]؛ [گۇل ئۈزم
- گۇل - گۇل — قىپقىزىل ھەم ئىنتايىن چىرايلىق ، گۈلدار؛
- گۇل ئاگىن — گۈلدار ، گۈللۈك ، گۈل بىلەن بېزەلگەن؛
- گۇل ئامىز — گۈل ئارىلاشتۇرۇلغان ؛ گۈل پۇرايدىغان؛
- گۇلئىزار — گۈل يۈزلۈك ، چىرايلىق ، سەتەڭ ، گۇلرۇخسار؛
- گۇلاب — ئەتىرگۈلنىڭ سۈيى ؛ ئەتىرگۈل سۈيىدىن ئىشلەنگەن خۇشبۇي ئىچىملىك؛
- گۇلابئامىز — گۇلاپ ئارىلاش ، گۇلاب بۇيلۇق؛
- گۇلابخانە — گۇلاپ ياسايدىغان ۋە ساقلايدىغان جاي؛
- گۇلاپ — گۈل سۇيى؛ قاق سۇيى (ئاب-سۇ)؛
- گۇلاخ (گۇلاخ)؛ — كونا جەمئىيەتتە ھاممام ئالدىدىكى ئوچاقنىڭ ئىسسىق كۈلى؛
- گۇلەفشان — گۈل چاچقۇچى ، گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرغان؛