لۇغەتنى كۆرۈش: گ
- گۇلەندام — گۈلبەدەن ، گۈلگە ئوخشاش ، خۇشپىچىم؛
- گۇلبار — گۈل ياغدۇرغۇچى ، گۈل تۆككۈچى ، گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرغان؛
- گۇلبانگ — جاراڭلىق ھەم يېقىملىق ئاۋاز ، بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى؛ [گۇلبانگ ئەتمەك --- (بۇلبۇل) سايرىماق]؛
- گۇلبەرگ — گۈل ياپرىقى ، ئەتىرگۈل؛
- گۇلبۇن — گۈل غولى ، گۈل تۈپى ، گۈل دۆۋىسى؛
- گۇلبۇي — گۈل ھىدلىق ، خۇشبۇي ، خۇشپۇراق؛
- گۇلبىز — گۇل چاچقۇچى ، گۇل پۇرىقى تارقاتقۇچى؛ گۈللەتكۈچى ، ياشناتقۇچى؛ [نەسىمى گۇلبىز ---خۇشپۇراق تارقاتقۇچى مەيىن شامال]؛
- گۇلپاش — گۈل چاچقۇچى ، گۈل ئاچقۇچى ؛ ئېچىلغان ، گۈللەنگەن؛
- گۇلجەبىن — گۈلدەك چىرايلىق ، گۈل چىراي، ساھىبجامال؛
- گۇلچىن — گۈل تەرگۈچى ، باغۋەن؛
- گۇلچىھرە — گۈل چىراي ، گۈزەل ، چىرايلىق؛
- گۇلخەد — گۈل يۈزلۈك ، چىرايلىق ، گۈزەل؛
- گۇلخەن — يېقىلغان ئوت ، گۈلخان ، ئوتخانا ، ئوت يېقىلغان جاي ، ھاممامنىڭ ئوتخانىسى ؛ قىزىق كۈل دۆۋىسى ، گۆلەخ؛
- گۇلخەنىي — ھاممامغا ئوت قالىغۇچى ؛ ئوتقا ئادەتلەنگەن؛ [گۇلخەنىي دىن گۈلخەن ئالاتىن تەمەئ قىلماق ---- ھاممامغا ئوت قالىغۇچىدىن ئوت ق
- گۇلدەستەبەند — گۈل تىزغۇچى ، گۈل دەستىلىگۈچى ؛ گۈلدەستە ؛ كۆچمە مەناسى: قۇياش؛
- گۇلرەنگ — گۈل رەڭ ، ئەتىرگۈل رەڭلىك ، قىزىل؛
- گۇلرو — ؛[گۇلرو=گۇلروي/گۇلرۇخ/گۇلرۇخسار/گۇلئۇزار]؛ گۈل يۈز ، ساھىبجامال ، ئىللىق چىراي؛ [قۇياش گۇلرۇخى --- پادىشاھنىڭ سۆيگىنى]؛
- گۇلرىز — گۈل تۆككۈچى ، گۈل تۆكۈش ، گۈل چېچىش؛ كۆچمە مەناسى: گۈل چاچار پوجاڭزا؛
- گۇلرىز (كۈلرۇز)؛ — گۈل تۆككۈچى (رىز؛ تۆكۈش، چېچىش)؛
- گۇلرىزلىك — گۈل ھىدى چېچىش ، خۇش پۇراق تارقىتىش ؛ گۈل چاچار پوجاڭزا ئېتىش؛
- گۇلشەن — گۈلباغ ، گۈلزار ، چىمەن؛ كۆچمە مەناسى: جەننەت؛
- گۇلشەنۋار — گۈلزارغا ئوخشاش ، چىمەنزاردەك؛
- گۇلشەنى خۇلد — مەڭگۈلۈك گۈلباغ؛
- گۇلشەنى دىلاسا — دىلنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان گۈلشەن ، كۆڭۈلنى ئاراملاندۇرىدىغان گۈلزار؛