لۇغەتنى كۆرۈش: گ
- گۇلفاش — گۈل چاچقۇچى ، گۈل ھىدى تارقاتقۇچى ، ئوت چاچقۇچى؛ [نەسىمى گۇلفاش --- گۈل ھىدى تارقاتقۇچى شامال]؛
- گۇلفام — گۈل رەڭلىك ، قىزغۇچ رەڭ؛ [بادەئى گۇلفام --- قىزىل مەي]؛ [كۇرسىئى گۇلفام --- قىزىل ئورۇندۇق]؛
- گۇلفىشان — ق . گۈلەفشان؛
- گۇلقەند — گۈلقەنت؛ كۆچمە مەناسى: مەھبۇبەنىڭ لېۋى؛
- گۇلگەز — كۆككە مايىل قىزىل ، كۆكۈش قىزىل؛
- گۇلگەشت — گۈلزار ئارىلاش ، گۈلزار سەيلىسى ؛ گۈلزارلىق ، سەيلىگاھ؛ [گۇلگەشت ئەتمەك ---گۈلزاردا سەيلە قىلماق]؛
- گۇلگونپوش — قىزىل كىيىملىك ، قىزىل تونلۇق ؛ قىپقىزىل؛
- گۇلگۇن — قىزىلگۈل رەڭلىك ، قىزغۇچ رەڭلىك؛ [گۇلگۇن سىرىشك --- قىزىل كۆز يېشى]؛ [گۇلگۇن ئۆتۈك --- قىزىل ئۆتۈك]؛ [ گۇلگۇن قەدەھ ---
- گۇلگۇن پوش — كۈلرەڭلىك كىيىم كىيىۋالغۇچى؛
- گۇلگۇنە — قىزىل ، قىزغۇچ ، نۇرانە ؛ يۈزنى قىزارتىدىغان ئەڭلىك؛ [گۇلگۇنە ئەيلەمەك --- يۈزنى قىزىل قىلماق]؛
- گۇلمىخ — قالپاغلىق مىق ، كىيىم ئاسىدىغان ئىلىك؛
- گۇلنار — ئانارگۈل ؛ قىزىل گۈل ؛ كۆچمە مەناسى: قىپقىزىل؛ [مەيى گۇلنار --- قىزىل مەي]؛
- گۇلنارگۇن — ئانارگۈل رەڭلىك؛
- گۇلنارىي — قىزىل ئانار ، گۈل رەڭلىك؛
- گۇلھاچە — ؛[گۇلھاچە گۇل --- نەقرات ، قوشاقلارنىڭ ھەر كۇپلېتىدا تەكرارلىنىدىغان مىسرا ؛
- گۇلى ئاتەشىن — ئوت رەڭلىك گۈل ، قىزىل گۈل؛
- گۇلى ئەھمەر — قىزىلگۈل؛
- گۇلى ئىرەم — ئىرەم باغنىڭ گۈلى؛ ق . ئىرەم؛
- گۇلى تەرى — يېڭى ئېچىلغان گۈل ، ياشناپ تۇرغان گۈل؛
- گۇلى سەدبەرگ — ئۇششاق ھەم كۆپ بەرگىلىك بىر خىل سېرىق گۈل؛
- گۇلى سەۋرىي — بالدۇر ئېچىلىدىغان قىزىل گۈل؛
- گۇلى مەختۇم — سۇرۇق؛
- گۇلى ناشۇگۇفت — ئېچىلمىغان گۈل؛
- گۇلى نەسرىن،گۇلى نەستەرىن — ئاق ئېچىلىدىغان بىر خىل گۈل؛