لۇغەتنى كۆرۈش: گ
- گۇلى ھۇمرا — قىزىل گۈل؛
- گۇلىر — ئىشىك باقار ، ۋارىتا؛
- گۇلىستان — چوڭ گۈلزار ، گۈلباغ ؛ شەيخ سەئدىي شىرازىينىڭ مەشھۇر ئەسىرى؛
- گۇم — يوقالغان ، يىتىپ كەتكەن؛ [گۇم بولماق --- يوقالماق]؛ [گۇم قىلماق --- يوقاتماق، يوق قىلماق]؛
- گۇم (گۇمران)؛ — يوق؛ يوقالغان؛
- گۇماشتە — گۇماشتا ، ۋەكىل ، ۋاكالەتچى ، ئەلچى ، خىزمەتكار؛
- گۇمانىزىم — ئىنسانپەرۋەرلىك؛ ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان دۇنيا قاراش؛
- گۇمانىست — گۇمانىزىم تەرەپدارى، يەنى كىشىلىك ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلغۇچى ئىنسانپەرۋەر (ئادەم)؛
- گۇمبەزى دەۋژار — پەلەك، ئاسمان؛
- گۇمراھ — يولدىن ئازغان ، يولىنى يوقاتقان ، ئازغۇن ؛ گۇناھكار؛
- گۇمراھلىغ — ئاداشقانلىق ، يولدىن ئازغانلىق؛
- گۇمراھۋەش — يولدىن ئاداشقانغا ئوخشاش ، ئازغۇندەك ؛
- گۇمشۇدە — يوقالغان ، يوق بولغان؛ ئاداشقان ، يولدىن ئازغان؛
- گۇمنام — نامى ئۆچكەن ؛ نامسىز ، ئېتىباردىن قالغان؛
- گۇن — ؛(1) رەڭ ، تۈس؛ (2) بىرىكمە تەركىبىدە ، «رەڭ ، رەڭلىك ، تۈسلۈك» مەنالىرىدە كېلىدۇ؛ [كافۇرگۇن --- كاپۇر رەڭلىك ئاق ، ئاپپ
- گۇنا - گۇن — رەڭمۇرەڭ ، خىلمۇخىل؛
- گۇناھ — جىنايەت ، گۇناھ ؛ [كەبىرە گۇناھ --- زور گۇناھ]؛
- گۇنە — رەڭ ، تۈس ، تۈر ، خىل؛
- گۇنە - گۇنە — خىلمۇخىل؛ [گۇنە - گۇنە تەئام --- خىلمۇخىل تائام]؛
- گۇنەھ — گۇناھ؛
- گۇنبەد، گۇنبەز — گۈمبەز؛
- گۇنبەدى خەزرا/ گۇنبەدى لاجۇۋەرد — يېشىل گۈمبەز ؛ كۆچمە مەناسى: ئاسمان ، كۆك؛
- گۇنبەدى دەۋۋار/ گۇنبەدى دەۋۋارسا — ئايلىنىدىغان گۈمبەز ، ئايلىنىپ تۇرىدىغان گۈمبەز ؛ كۆچمە مەناسى: ئاسمان ، كۆك، پەلەك؛
- گۇنبەدى مىينا، گۇنبەدى مىينۇ — شىشەرەڭ گۈمبەز ، كۆك گۈمبەز؛ كۆچمە مەناسى: ئاسمان ،كۆك ، پەلەك؛