لۇغەتنى كۆرۈش: گ
- گوشەتاب — چالغۇ قۇلىقى؛
- گوشەنشىن — خىلۋەتنى ئىختىيار قىلغۇچى ؛ چەت ماكاندا ياشىغۇچى؛دەرۋىشلىك يولىغا كىرىپ كىشىلەر توپىدىن چىقىپ كەتكەن ئادەم؛
- گوشمال — قۇلاقنى تارتىش ، ئەدىبىنى بېرىش ، تەنبىھ ؛ جازالاش؛ [گوشمال بەرمەك --- جازالىماق، تەنبىھ قىلماق]؛
- گوشۋارە — سىرغا ، زىرە ، ھالقا؛
- گول — ساددا ، ئەخمەق ، پەمسىز؛
- گولانە — ئەخمىقانە ، ئەخمەقلەرچە؛
- گوللاندىيە — گوللاندىيە غەربىي ياۋروپادا، شىمال دېڭىزى بويىدا جايلاشقان دەۋلەت. پايتەختى ئامستېردام (Amsterdam)، ھۆكۈمەت ئورنى گاياگا
- گوللاندىيە / نىدېرلاندىيە — گوللاندىيە--غەرپىي ياۋروپادا، شىمالىي دېڭىز ساھىلىدا جايلاشقان دەۋلەت. ئۇ گېرمانىيە ۋە بېلگىيە بىلەن قوشنا بولۇپ، يەرنىڭ
- گونيا — بۇلۇڭ ئۆلچىگۈچ ، تىكلىك ئۆلچىگۈچ ، ئاسما تانا؛
- گونيالىق — پىلانلانغان ، ئۆلچەنگەن ، راۋرۇس؛
- گويا — ؛(1) سۆزلەيەلەيدىغان ، سۆزگە چىچەن ، پۇختا ھەم ئېنىق سۆزلەگۈچى ، ناتىق ،خۇش ئاۋاز؛ [بۇلبۇلى گويا --- خۇش ئاۋاز بۇلبۇل]؛
- گويەندە — سۆزلەگۈچى ، ئېيتقۇچى ، ھېكايىچى ؛ ناتىق؛
- گويى يا — گويا؛
- گويى/گوييا — خۇددى ، گوياكى ، گويا؛
- گۇ — سۆزلەرگە قوشۇلۇپ كېلىپ «ئېيتقۇجى ، سۆزلەگۈچى ، قىلغۇچى» مەنالىرىدە كېلىدۇ؛ [مەسئەلەگۇ --- دىنىي قائىدە - قانۇنلارنى بايا
- گۇپتار — سۆزلەمەك؛ ئېيتماق؛
- گۇداز — ؛(1) كۆيۈش ، كۆيدۈرۈش ، ئېرىش ، ئېرىتىش؛ [گۇداز تاپماق --- كۆيمەك ، ئېرىمەك]؛ [گۇداز ئەيلەمەك --- كۆيدۈرمەك ، ئېرىتمەك ،
- گۇدازەندە — ئېرىتكۈچى ، قۇيمىچى؛
- گۇدازەندەلىغ — ئېرىتكۈچىلىك ، قۇيمىچىلىق؛
- گۇدازۇسوز — ئېرىش ۋە كۆيۈش؛
- گۇرد — پالۋان ، باتۇر ، قەھرىمان؛
- گۇردە — بۆرەك ؛ بەل ؛ پاتاڭ؛
- گۇردەگاھ — بېقىن؛
- گۇرز — گۇرزا ، كالتەك ، قەدىمقى ئۇرۇش قوراللىرىدىن بىرى؛