لۇغەتنى كۆرۈش: گ
- گەريازار — يىغا-زار؛
- گەز — ؛(1) يۇلغۇن؛ (2) ئوقيانىڭ پەيسىز ئوقى؛
- گەزاف/گۇزاف — بىمەنە ، بىھۇدە ، ئاساسسىز گەپ ، قۇرۇق گەپ ، ھەددى - ھېسابسىز،بىھېساب ، ئىنتايىن كۆپ؛ [لافۇ گەزاف --- بىھۇدە ۋالاقلاش]؛
- گەزەك — ؛(1) شاراب تائامى ، زاكوسكا؛ (2) يارىنىڭ سوغۇق تېگىپ قىزىرىشى؛
- گەزەند — زەرەر ، زىيان ، ئاپەت ، زىيان - زەخمەت؛ [گەزەند يەتمەك --- زىيان يەتمەك]؛
- گەزەندە — چاقىدىغان ، چىشلەيدىغان ، كىشىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزىدىغان ؛چاقىدىغان ھاشارات؛
- گەزدەستە — قامچا؛
- گەزلىك — ناۋايلارنىڭ تونۇرغا نان يېقىشتا ئىشلىتىدىغان يۇمىلاق نەرسە؛
- گەزىستان — يۇلغۇنزار ، يۇلغۇنلۇق؛
- گەشت — ئايلىنىش ، سەيلە قىلىش ، كېزش؛ [باغ گەشت قىلماق --- باغنى تاماشا قىلماق]؛
- گەشتگاھ — سەيلىگاھ؛
- گەللە — توپ ، ھايۋانلار توبى ، پادا؛
- گەمە
- گەنج — ئالتۇن - كۈمۈش ، گۆھەر قاتارلىق قىممەت باھا نەرسەلەر يىغىندىسى ،خەزىنە ، توپلانغان بايلىق؛
- گەنجە — ئەزەربەيجاندىكى نىزامىي تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە دەپىن قىلىنغان شەھەرنىڭ نامى؛
- گەنجە ئارام — گەنجە شەھەرىگە قويۇلغان نىزامىي؛
- گەنجپاش — خەزىنە چاچقۇچى ، ئالتۇن - كۈمۈش چاچقۇچى ؛ كۆچمە مەناسى: سۆز گۆھەرلىرى تۆككۈچى؛ [گەنجپاش گەنجە ئارام --- سۆز گۆھەرلىرى چا
- گەنجرىز — خەزىنە تۆككۈچى ؛ كۆچمە مەناسى: قىممەتلىك سۆزلەرنى ئېيتقۇچى؛
- گەنجسەنج — خەزىنە ئۆلچىگۈچى ، ئالتۇن - كۈمۈش تارتقۇچى؛
- گەنجفىشان — خەزىنە چاچقۇچى ؛ كۆچمە مەناسى: قىممەتلىك سۆزلەر ئېيتقۇچى . سۆز گۆھەرلىرى چاچقۇچى؛
- گەنجۇر — خەزىنىچى؛
- گەنجى — غەزىنە؛ بايلىق؛
- گەنجى بادئاۋەر — شامال ئالىپ كەلگەن خەزىنە (خۇسرەۋىي پەرۋىزنىڭ سەككىز خەزىنەسىدىن ئىككىنچىسىنىڭ نامى بولۇپ ، رىۋايەت قىلىنىشىچە ، رۇم پاد
- گەنجى بەقا — مەڭگۈلۈك بايلىق؛