لۇغەتنى كۆرۈش: گ
- گەردۇنسا،گەردۇنساي — كۆككە تاقىشىدىغان ، ئىنتايىن ئېزىز؛
- گەردۇنۋار — كۆكتەك ، ئاسماندەك ، پەلەك كەبى؛ [گەردۇنۋار قەد --- ئاسماندەك يۈكسەك قەد]؛
- گەردۇنى ئالىي ئەساس — ئەڭ يۈكسەك ئاسمان ، ئەڭ ئېگىز ئاسمان؛
- گەردۇنى ۋالا — ئاسماننىڭ قەرى ، ئاساننىڭ ئەڭ ئېگىز قەۋىتى ، ئەڭ يۈكسەك ئاسمان؛
- گەردى بالا — ئاپەت چېڭى؛
- گەردىش — ئايلىنىش ، دەۋر قىلىش ؛ ئۆتۈش ، ئۆزگىرىش ؛ ئالمىشىش ؛ سەيلە قىلىش؛ [گەردىش بولماق --- ئايلانماق ، ئۆزگەرمەك ، ئۆتمەك ، ئ
- گەردىشى ئەييام — زاماننىڭ ئالمىشىشى ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى؛
- گەردىن — چوڭ چىنە؛
- گەردىن بەستە — بوينى باغلانغان؛
- گەرراي — سەتىراچ ؛ تومۇردىن قان ئالغۇچى؛
- گەرم — ئىسسىق ، قىزىق ، قىزغىن ؛ يېقىملىق ، ئوچۇق چىراي ؛ ئىتتىك مىجەز؛ چاققان ، يۈگۈرۈك؛ [گەرم ئەيلەمەك، گەرم ئەتمەك --- قىزىت
- گەرم شىكار — قىزغىن ئوۋ؛
- گەرم مىھر — مېھرى ئىسسىق ، مۇھەببەتلىك؛
- گەرمپوي — تېز قەدەم تاشلىغۇچى ، تېز يۈگۈرگۈچى ، ھەرىكەتى چاققان،شوخ ، جۇشقۇن؛
- گەرمپويلوق — تېز يۈرۈش ، چاققانلىق؛
- گەرمخۇي — قىزغىن مىجەز ، قىزغىن مۇئامىلە؛
- گەرمخۇيلۇق — قىزغىنلىق؛
- گەرمخىز — تېز چاپىدىغان ، تېز يۈرىدىغان ، چاققان ، شوخ ، جۇشقۇن؛
- گەرمدىماغ — كۆڭلى خۇش ، خۇشال ، خۇرسەن؛
- گەرمرەۋ — چاققان ماڭغۇچى ، تېز يۈرىدىغان ، چاپقۇر؛ [بەرقى گەرمرەۋ --- تېز سۈرئەتلىك چاقماق]؛
- گەرمسىر — ئىسسىق ؛ ئىسسىق ئىقلىم ، ئىسسىق بەلۋاغ ، ھاۋاسى ئىسسىق جاي؛
- گەرمكىن — قاتتىق غەزەپ؛
- گەرنىز — ئىشىك، دېرىزە پەردىلىرىنى بېكەتىپ ئاسىدىغان ياغاچ؛
- گەرى — ھىندىستانچە ۋاقىت ئۆلچەمى : بىر گەرى= 1/60 سوتكا=24 مىنۇت؛