لۇغەتنى كۆرۈش: گ
- گەرد يەزدى — ؛[گەرد يەزدى مىئجەز --- ئاياللار يېپىنىدىغان تور ياغلىققا ئوخشاش بىر خىل نەپس رومال؛
- گەردئالۇد — چاڭ باسقان ، چاڭلىق ، غۇبارلىق؛
- گەردان — ئايلىنىش ، چۆرگىلەش ، ئايلىنىدىغان ، چۆرگىلەيدىغان ، ئۆزگىرىشچان؛ [گەردان بولماق --- ئايلانماق]؛ [گۈمبەزى گەردان --- چۆر
- گەردەن — بويۇن ، گەدەن؛
- گەردەنبەستە — بوينى باغلانغان ، بوينى باغلاقلىق؛ [گەردەنبەستەقۇل --- بوينى باغلانغان قۇل]؛
- گەردەندە — ئايلانغۇچى ، كەزگۈچى ، چۆرگىلەپ تۇرىدىغان ، ئايلىنىپ تۇرىدىغان ؛ ئاسان ئۆزگىرىدىغان؛
- گەردەنفىراز — بوينى قاتتىق ، تەكەببۇر ، غادايغان؛
- گەردەنكەش — بويۇن تولغىغۇچى ، ئىتائەت قىلمايدىغان ، باش ئەگمەس؛
- گەردنامە — ؛«بىراۋنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرىدۇ» دەپ تەييارلانغان سېھىر قەغىزى ، تۇمار؛
- گەردۇخاك — توپا - توزان ، چاڭ - توزان ، ئەخلەت؛
- گەردۇن — ئاسمان ، كۆك ، پەلەك؛ تەقدىر؛ [گەردۇنغا باش تارتماق --- كۆتۈرۈلمەك ، ئۆرلىمەك]؛ [گەردۇنىغە تىغ تارتقان --- ئۆلتۈرۈلگەن]؛
- گەردۇن ئىھتشام — ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ، زور ، كاتتا ،ھەيۋەتلىك؛
- گەردۇن خىرام — كۆكتە كەزگۈچى ، ئىنتايىن تېز يۈرۈش؛
- گەردۇن رىفئەت — يۇقارى مەرتىۋەلىك ، ئالىي مەنسەپلىك ، ئالىي مەنسەپ؛
- گەردۇن سەرىر — تەختى ئالىي ، قۇدرەتلىك پادىشاھ؛
- گەردۇن سىفەتلىغ — (كۆچمە مەناسى) بىۋاپالىق ، تەتۈرلۈك؛
- گەردۇن شۇكۇھ — ئاسماندەك سۆلەتلىك ، شەۋكىتى پەلەككە يەتكەن؛ [دارايى گەردۇن --- شەۋكىتى پەلەككە يەتكەن پادىشاھ ، تەڭدىشى يوق باي]؛
- گەردۇن شىكاف — ئۆتكۈر ، ئەڭ ئۆتكۈر ، ئاسماننى تېشەلەيدىغان؛
- گەردۇن كوب — ئاسمانغا تاقاشقان ، كۆككە يەتكەن؛
- گەردۇن مەئاب — كۆككە تېگىشلىك ، ئاسماننىڭ؛ [سۈبھى گەردۇن مەئاب --- كۆكتىن يورۇغان تاڭ]؛
- گەردۇن مەقام — يۈكسەك مەرتىۋە ، كاتتا ئەمەل؛
- گەردۇن نەۋرەد — كۆكتە كەزگۈچى ، ئاسماندا ئۇچىدىغان ؛ ئاسماندا جەڭ قىلىدىغان؛
- گەردۇنجەناب — قۇدرەتلىك ، دەرگاھى كەڭ؛ [سەلاتىنى گەردۇنجەناب --- دەرگاھى كەڭ سۇلتانلار]؛
- گەردۇنخەراش — كۆكتىن ئاشقان ، ئاسماننى تېشىپ چىقىپ كەتكەن؛