لۇغەتنى كۆرۈش: گ
- گاۋمىش — سۇ كالىسى ؛ قوتاز؛
- گايكا — ۋېنتا قالپىغى؛
- گەبر — ئاتەشپەرەس ، ئوتقا چوقۇنغۇچى ؛ زەردۇش دىنىدىكى ، مەجۇسىي؛
- گەبرەك — ياش ئاتەشپەرەس ، ياش مەجۇسىي؛
- گەبرەكىي — مەي قاچاسى؛
- گەجكار — گەجلىگۈچى ، گەج سۇۋاق قىلغۇچى ، گەج بىلەن نەقىشلىگۈچى؛
- گەجكارلىغ — گەجلەش ، گەج سۇۋاق قىلىش ؛ گەج بىلەن نەقىشلەش؛
- گەجگە(پاتاڭ) — گەجگە؛سىڭىر؛پەي؛ ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛
- گەچچە — گاچا ، كېكەچ؛
- گەدا،گەداي — قەلەندەر ، گاداي ، تىلەمچى؛
- گەداپىشە — ئاچ كۆز ، تويماس ، پەس ، گادايلىققا ئادەتلەنگەن؛
- گەدەن/گەجگە — Nucha (ئىنگلىزچە / لاتىنچە ئىسىم)--تىببىي ئاناتومىيە تىلىدا بويۇن ئارقىسى، يەنى باش سۆڭىكىنىڭ ئاستىدىن تارتىپ ئومۇرتقا ق
- گەر — ؛(1) «ئەگەر»نىڭ قىسقارتماسى؛ (2) بىرىكمە تەركىبىدە «قىلغۇچى ، ئىشلىگۈچى» مەنالىرىدە كېلىدۇ؛ [سۈرەتگەر --- سۈرەت تارتقۇچى
- گەران — ئېغىر ، ۋەزمىن ؛ مول ، كۆپ ، نۇرغۇن ، قىممەتلىك ؛ قىممەت باھا؛قىممەت ؛ مۇھىم؛ [گەران سەنگ--- تېشى ئېغىر ، ۋەزمىن]؛
- گەرانبار — ئېغىر ، ئېغىر يۈكلۈك؛
- گەرانجان — ئېغىر - بېسىق ؛ مىس - مىس . بىر ئىشقا ئالدىرىمايدىغان ،خۇشياقماس؛
- گەرانخىز — ھەرىكەتى ئاستا ، مىس - مىس ، سۇس؛
- گەرانمايە — قىممەتلىك ، قىممەت باھا ، بىباھا ، ئېسىل ، پايدالىق؛ [دۇررى گەرانمايە --- قىممەت باھا مەرۋايىت]؛
- گەراي — بىرىكمە تەركىبىدە «خالىغۇچى ، ئىختىيار قىلغۇچى» دېگەندەك مەنالاردا كېلىدۇ؛ [غۇربەتگەراي --- غېرىبلىقنى ئىختىيار قىلغۇچى
- گەرەنجانلىغ — ئېغىر - بېسىقلىق ؛ مىس - مىسلىق؛
- گەرەنخاب — ئۇيقۇسى قاتتىق ؛ تەستە ئۇخلايدىغان؛
- گەرەنمايە — بەك ئەزىز؛ قىممەتلىك؛
- گەرچە — ؛«ئەگەرچە»نىڭ قىسقارتماسى؛
- گەرد — ؛(1) چاڭ - توزان ، تۇپراق ، توپا؛ [گەرد ئولماق --- تۇپراققا ئايلانماق ، توزىماق]؛ [گەرد ئەنگىز --- چاڭ چىقارغۇچى ، توپا