لۇغەتنى كۆرۈش: گ
- گەنجى راز — سىرلار خەزىنەسى؛
- گەنجى قارۇن — قارۇن توپلىغان خەزىنە (رىۋايەت قىلىنىشىچە ، قارۇن بىلەن ئۇنىڭ خەزىنەسى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قارغىشى بىلەن يەر ئاستىغا چۆكۈپ
- گەنجى ھۆسن — ھۆسن بايلىقى؛
- گەنجىنە — خەزىنە؛
- گەندە — سېسىق ، ئېچىغان ، چىرىگەن ؛ يامان ، يارىماس؛ [گەندە دىماغ --- تەكەببۇر ، دىمىغى ئۈستۈن ، ھاكاۋۇر]؛
- گەندەرەمەك — بەتبۇيلۇقتىن يىرگىنىپ ھوشىدىن كەتمەك ؛ ئېچىماق ، سېسىماق ، چىرىپ كەتمەك؛
- گەۋھەر ئارا — گۆھەر بىلەن زىننەتلەنگەن ؛ گۆھەر بىلەن زىننەتلىگۈچى؛
- گەۋھەر ئايىن — گۆھەر قادالغان ، گۆھەرلىك؛
- گەۋھەر ئەفشان — ؛[گەۋھەر ئەفشان=گۇھەر ئەفشان/گۇھەر فىشان]؛ گۆھەر چاچقۇچى؛ كۆچمە مەناسى: پاساھەتلىك سۆزلەگۈچى ،سۆز ماھىرى؛
- گەۋھەر شەمايىل/گەۋھەر ھەسەب — گۆھەر سۈپەت ، گۆھەردەك ئېسىل؛
- گەۋھەر فىشان — گۆھەر چاچقۇچى؛ [كىلكى گەۋھەر فىشان --- گۆھەر تۆكىدىغان قەلەم ، سۆز گۆھەرلىرىنى تىزىدىغان قەلەم]؛
- گەۋھەر نىسار — گۆھەر چاچىدىغان، گۆھەر چاچقۇچى؛ [گەۋھەر نىسار قىلماق --- (كۆچمە مەناسى) كۆز يېشى قىلماق ، ياش تۆكمەك]؛
- گەۋھەر، گۇھەر — گۆھەر (ئۈنچە ، دۇر ، ياقۇت ، ئالماس قاتارلىق ئېسىل تاشلار)؛ ئەسىل ، نەسىل - نەسەب، كېلىپ چىقىش ؛ جەۋھەر ، ماھىيەت ، ئەسل
- گەۋھەربار — گۆھەر چاچقۇچى ؛ كۆچمە مەناسى: چوڭقۇر مەنالىق سۆزلەرنى ئېيتقۇچى ،سۆز ماھىرى؛
- گەۋھەرپاش — گۆھەر چاچقۇچى ؛ چوڭقۇر مەنالىق سۆزلەرنى ئېيتقۇچى؛ ئۇز تىل؛
- گەۋھەررىز، گۇھەررىز — گۆھەر تۆكۈچى ، مەرۋايىت چاچقۇچى ؛ سۆز ماھىرى ، چوڭقۇر مەنالىق سۆزلەرنى ئېيتقۇچى؛
- گەۋھەرنىگار — گۆھەر بىلەن بېزەلگەن؛
- گەۋھەرى ئابدار — ساپ ھەم سۈزۈك گۆھەر؛
- گەۋھەرى ئەنجۇم — يۇلتۇز گۆھىرى؛ دۇردەك يۇلتۇزلار؛
- گەۋھەرى شەبچەراغ — تۈننى يورۇتقۇچى گۆھەر؛ كۆچمە مەناسى: قاراڭغۇدا يول كۆرسەتكۈچى؛
- گەۋھەرى شەھۋار — يىرىك ۋە ئالىي گۆھەر؛
- گەيسويى* — ئۆرۈلگەن چاچ؛
- گرافىك — پىلان بىلەن ئورۇنلىنىشنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسىتىدىغان جەدۋەل؛
- گرافىك پروسېسسور(GPU) — GPU/گرافىك پروسېسسور-- (گرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچ) كومپيۇتېردا گرافىك ۋە تەسۋىرلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەخسۇس لايىھەلەنگەن