لۇغەتنى كۆرۈش: چ
- چايكا — چايكا--(Laridae ئائىلەسىگە تەۋە) دېڭىز قىرغىقىدا ياكى سۇ بويلىرىدا ياشايدىغان قۇش بولۇپ، كۆپىنچە ئاق، كۈلرەڭ ياكى قارا پ
- چەبدەس
- چەپ — سول؛ [چەپۇراست --- ئوڭ ۋە سول ، ئوڭغا ۋە سولغا]؛
- چەپ قول بىلىكخان — چەپ قول بىلىكخان-- ھونلاردا تەڭرىقۇتتىن قالسىلا چەپ قول بىلىكخان دىگەن مەنسەپ بولغان. تەڭرىقۇت ئۆلسە ياكى تەخىتتىن چۈشسە
- چەپان — تون ، چاپان؛
- چەپدەست — سولخاي ، جەپچى؛
- چەتئەل — Foreign(سۈپەت)--باشقا دەۋلەتكە، باشقا جايغا تەۋە بولغان، چەتئەل، يات، ئۆزىدىن باشقا، ئېلىپ كېلىنگەن خاسلىقنى بىلدۈرىدۇ.
- چەتر/چادىر — چېدىر؛ سايىۋەن؛
- چەترى ئىقبال — بەخت ، تەلەي؛
- چەچمەك — يەشمەك ، شەشمەك ، سالماق؛
- چەرا — ؛1) ئوتلاق ، ئوتلاش؛ 2)نېمە ئۈچۈن ، نېمىشقا؟ سەۋەب؛
- چەراغ — چىراغ ، بەخت ، تەلەي ، بالا ، پەرزەنت؛
- چەراغان — چىراغ كۆركى، چىراغ مەنزىرىسى؛
- چەراگاھ — ئوتلاق ، يايلاق؛
- چەرەندە — ؛1) ئوتلايدىغان ھايۋان؛ يەردە ماڭغۇچى ئۇششاق ھاشارەتلەر؛ 2)قوۋۇرغا؛
- چەرب — چېچەن ، ئۇستا؛
- چەربدەست — چەبدەس ، چاققان ؛ ماھىر ، ماھارەتلىك؛
- چەربزەبان — تىلى تاتلىق، شېرىن سۆز ؛ ياغلىما تىل ؛ سۆزگە ئۇستا ، گەپدان؛
- چەرخ — چاق ، غىلدىرەك ؛ چەمبەر، ئايلىنىش ؛ ئاسمان ، كۆك ، پەلەك ؛ تەقدىر ،تەلەي؛ [چەرخ ئەيلەمەك، چەرخ ئۇرماق، چەرخ ئەتمەك --- ئ
- چەرخ ئاسا — چاققا ئوخشاش ، چەرختەك؛
- چەرخ ئاشيان — يۇقارى مەرتىۋەلىك؛
- چەرخ دەبىرى — ئەتارۇد (مېركۇرى ) سەييارەسى؛
- چەرخى ئەتلەس — ئاسمان ، كۆك؛
- چەرخى ئەنجۇم — يۇلتۇزلار سەيلىسى؛