لۇغەتنى كۆرۈش: چ
- چەرخى بەرىن — ئېگىز ئاسمان؛
- چەرخى پەيما/چەرخى پەيماي — ئېگىز ئاسمان ، يۈكسەك ئاسمان؛
- چەرخى دۇن — تەتۈر پەلەك ، پەسكەش پەلەك؛
- چەرخى فەرسا — كۆككە تاقاشقان ، تولىمۇ ئېگىز؛
- چەرخى فەلەك — ئۇپۇق ؛ ئاسمان ، تەقدىر؛
- چەرخى كەيۋان — يۈكسەك ئاسمان؛
- چەرخى كۇھەن — قېرى ئالەم ، كونا دۇنيا؛
- چەرخى گاج رەپتار — تەتۇر ئايلانغۇچى پەلەك (چەرخ-ئايلانغۇچى؛كاج - تەتۈر؛ رەپتار-مېڭىش)؛
- چەرخى نىگون — تەتۈر پەلەك؛
- چەردە/جەردە — تۈس، رەڭ ، شەكىل ، جەردە ، تۇرۇق؛
- چەركەس — ؛1) چىركەس خەلقى؛ 2)ئوقيا ئوقىنىڭ ئۇچى ، تىغنىڭ بىسى؛
- چەركەسىي — چىركەسچە؛
- چەرگە/جەرگە — سەپ ، رەت ، قاتار ؛ ئەسكەر ، قوشۇن ؛ دائىرە ، دەرەجە ، مەرتىۋە ، ئورۇن؛قورشىما ،قورشىما ئوۋ؛
- چەرگەر — چالغۇچى ، سازەندە ، ناخشاچى؛
- چەرگەلىك/جەرگەلىك — مەرتىۋەلىك؛ [ئۇلۇغ چەرگەلىك --- يۇقارى مەرتىۋەلىك]؛
- چەرمىن — چەمدىن قىلىنغان ، چەمدىن ياسالغان؛
- چەرىك — ئەسكەر ، ئەسكەرلىك ؛ ھەربىي قىسىم ، قوشۇن ، لەشكەر؛ [چەرىك تارتماق --- يۈرۈش قىلماق، لەشكەر تارتماق]؛ [چەرىك ئاتلانماق -
- چەرىكچى — ئەسكەر باشقۇرغۇچى؛ جەڭچى؛
- چەرىكلەمەك — ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلماق ؛ ھەربىي يۈرۈش قىلماق؛
- چەسبان/چەسپان — يېپىشىدىغان ، چاپلىشىپ تۇرغان ، چاققان ،.ئەپچىل؛ [چەسبان باغلاماق --- مەھكەم(قىسىپ)باغلىماق]؛
- چەسبەندە — يېپىشقاق ، چاپلاشقاق؛
- چەش — سۆز بىرىكمەسىدە كېلىپ ، «ئەتكۈچى»، «قىلغۇچى» دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ؛ [رىياچەش --- مەككار، ساختا ، ئىككى يۈزلىمىچى]؛
- چەشم — كۆز؛ [زەھرى چەشم --- كۆز زەھىرى ، يامان قاراش ، كۆز تېگىش]؛ [چەشم زەخمى --- كۆز تېگىش]؛
- چەشمە — بۇلاق ، مەنبە؛ كۆز؛