لۇغەتنى كۆرۈش: چ
- چال — چال بولسا شەرقىي تۈركستاننىڭ جەنۇبىدا چىقىدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سۈننى كۆپەيتىش قىيىن، كۆچەتلىك مەزگىلى بەك ئۇزۇن،
- چالاك — تېتىك ، ئەپچىل ، چاققان ، ئىلدام ؛ كېلىشكەن ، قاملاشقان ، ھوشيار ،سەزگۈر؛
- چالغۇلۇغ — چېلىنىدىغان، چېلىنىشى كېرەك بولغان؛
- چالقالماق — چايقالماق؛
- چالماق — باغلىماق ، تاقىماق ؛ ئۇرماق ، (چالغۇ ) چالماق ؛ كەسمەك ، ئۈزمەك؛(پوتنى ) چالماق؛ [كەمەر چالماق --- كەمەر باغلىماق]؛ [شىش
- چالىشماق — تىرىشماق ، كۈرەشمەك ، ئىجتىھات قىلماق؛
- چالىغ — يۈگۈرۈك ، تېز ، چاققان ، ئىتتىك ، ئۆتكۈر؛
- چامچا — كۆڭلەك؛
- چامغۇر — كۆكتات تۈرى؛
- چاناش — تېرە تۇلۇم
- چاناق — ساپال تاۋاق ؛ ساپال قازان؛
- چاھ — قۇدۇق ، ئورا ، ئۆرچەك ، زىندان؛
- چاھاريار (چارىيار)؛ — تۆت دوست.
- چاھكەن — قۇدۇق قازغۇچى ؛ ئورا قازغۇچى؛
- چاھى ئىدبار — بەختسىزلىك؛
- چاھى زەقەن — ئېڭەكتىكى چوڭقۇرلۇق ، ئېڭەك ئۆرىكى؛
- چاۋ — قىچقىرىق ، تاۋۇش ، ئاۋاز ، داڭق ، شۆھرەت؛ [چاۋ سالماق --- توۋلىماق ، ۋارقىرىماق]؛
- چاۋچى — جارچى ، جاكار قىلغۇچى ، ئېلانچى؛
- چاۋلىق — مەشھۇر ، داڭلىق؛
- چاۋماق — مەشھۇر بولماق؛
- چاۋۇش — ھۈدەيچى (ئەرزگە كەلگەن كىشىلەرنى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشتۈرگۈچى ۋە كۆزەتكۈچى ئەمەلدار) : ئىشىك ئاغاسى ، مۇھاپىزەتچى؛
- چاۋۇشبەگى — چاۋۇشبەگى-- چاۋۇشبەگى جەڭلەردە سەپلەرنى تۈزەيدىغان، ئۇرۇش قىلمىغان ۋاقىتلاردا ئەسكەرلەرنى خەلىققە زۇلۇم سېلىشتىن چەكلەيد
- چايان — چايان-- ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار تۈرىگە كىرىدىغان، سەككىز پۇتلۇق ۋە قۇيرۇقىدا زەھەرلىك چىشى بار بىر خىل ھاشارات بولۇپ، كۆپى
- چايقانماق — يۇيۇنماق؛