لۇغەتنى كۆرۈش: چ
- چاغان — تۆگەنىڭ پۇتىنى چۈشەيدىغان پىششىق ئارغامچا، چېتىق؛
- چاغداۋۇل — قوشۇننى كەينىدىن قوغدىغۇچى قىسىم ، ئارقا قوغدىغۇچى؛قاراۋۇللار باشلىقى؛
- چاغلاماق — چاغلىماق ، ماسلاشتۇرماق ، تەكشىلىمەك ، باراۋەر قىلماق ؛ ئويلىماق ،پەرەز قىلماق، چۈشەنمەك؛
- چاغىر — مەي ، ئىچىملىك ، شاراپ؛ [چاغىر لاي --- مەينىڭ دۇغى]؛
- چاغىنماق — ئېھتىيات قىلماق ، قورقماق؛
- چاق(بالون) — ئاپتوموبىلنىڭ يەر بىلەن تېگىش نۇقتىسى بولۇپ، يولدا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى تەمىنلەيدۇ؛ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى؛
- چاقا/چاغا — كىچىك بالا ، بوۋاق؛
- چاقسا — ياغاچتىن ياسالغان ئاددى دەرۋازا.
- چاقماق
- چاقىر — ؛1) چاغىر؛ 2) كۆك ، كۆكۈش؛ [چاقىر كۆز --- كۆك كۆز]؛
- چاقىر پەنجە — قۇش چاڭگىلى ؛ قولىدىن ھېچ نەرسەنى تارتىۋالغىلى بولمايدىغان ئادەم؛
- چاقىرقانات — ئۆردەك بالاسىنىڭ ئالا - بۇلا پەي چىقىرىدىغان دەۋرى؛
- چاقىرىش / تېلېفون — ؛(1) تېلېفون قىلىش: بىرەيلەن بىلەن تېلېفون ئارقالىق ئالاقە قىلىش (مەسىلەن، "ئۇنى چاقىر" دېگەندە تېلېفون قىلىش مەقسەت قىل
- چاقىرىم — ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بۇلۇپ،500 مېتىرغا تەڭ؛
- چاقىن — چاقماق ، چېقىن؛
- چاك — يىرتىق ، يېرىق ، دەز ؛ تىلىنغان؛ يارا ، زەخىم؛ [چاك ئەيلەمەك ، چاك ئەتمەك، چاك قىلماق --- يىرتماق ، تىلماق ، يارا قىلماق
- چاك - چاك — تىلىم - تىلىم ؛ سۆكۈلگەن ، تىتىلغان؛ [چاك-چاك ئەتمەك --- تىلىم - تىلىم قىلماق،سۆكۈۋەتمەك ، تىتماق]؛
- چاكار — خىزمەتچى؛ياللانما خىزمەتچى
- چاكەدى — چارلىغۇچى؛كۈزەتچى
- چاكلىغ — يارا ، يارىلانغان؛
- چاگەر — خىزمەتكار ، چاكار؛
- چاگەرلىغ — خىزمەتكارلىق؛
- چاڭداۋۇل — چاغداۋۇل؛
- چاڭقىماق — ئۇسساپ قۇرۇپ كەتمەك؛