لۇغەتنى كۆرۈش: چ
- چارزەرب — بىر كۈي - مۇقامنىڭ نامى؛
- چارسۇ — چارسا ، تۆت بۇرجەكلىك ؛ تۆت كوچا ، ئىككى كوچا بىر - بىرىنى كېسىپ ئۆتكەن جايدىكى بازار ۋە ئاۋات مەيدان ؛ رەستە ، ئاۋات مە
- چارسۇتە — تۆت بۇرجەكلىك قىلىپ قاتلانغان؛
- چارشاپ(چايشەپ)؛ — يوتقان- كۆرپىلەرنى كىرلەشتۈرمەسلىك ئۈچۈن تارتىلىدىغان كىرلىك.
- چارشەنبە
- چارقەب/چارقاپ — كىمخاپ زەر بىلەن تىكىلگەن كەشتە؛ كىيىدىغان كىمخاپ تون؛
- چارگاھ — بىر مۇقامنىڭ نامى ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تۆتىنچىسى؛
- چارلاتماق — چاقىرتۇرماق ، چاقىرتماق؛
- چارلاماق — چاقىرماق ، تەكلىپ قىلماق ، چىللىماق؛
- چارۇق — چورۇق؛
- چارىيە — بىر تۈرلۈك تاماقنىڭ نامى؛
- چاريەك — تۆتتىن بىر ، چارەك؛
- چاش — چەش؛
- چاشت — چۈشكە يېقىن ۋاقىت، چاشكا ۋاقتى ، ئاشۋاقتى؛
- چاشتگاھ/چاشتگەھ — چۈشكە يېقىن ۋاقىت ، ئاشۋاقتى؛
- چاشتگاھى سۇلتانى — كۈن ئۆرلىگەن ۋاقىت ؛
- چاشتلق — چاي بىلەن چۈشلۈك تاماق ئارىلىقىدا يېيىلىدىغان تاماق؛ [چاشتلق تەئام --- چاشكىلىق تاماق]؛
- چاشقىنەك قاپلاش ھالەتى — Hover State(ئىسىم)--ئىشلەتكۈچى چاشقىنەك كۇرسورىنى بىر ئېلېمېنتنىڭ ئۈستىگە قاپلىغاندا (بېسىشتىن بۇرۇن) كۆرۈنىدىغان ھالەت
- چاشقىنەك قاپلاش/لەيلەش — Hover(پېئىل/ئىسىم)-- پېئىل شەكلىدە ھاۋادا لەيلەش، بىر يەردە ئۇچۇش؛ ئىككىلىنىش، قايسى بىرنى تاللاشنى بىلمەسلىك؛ UX/UI مەن
- چاشگاھ — ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن، چۈشتىن بۇرۇنقى ئارىلىق؛ زامان.
- چاشنى — تەم ، تېتىش ، تەمنى تېتىپ كۆرۈش ؛ بەھر، ، لەززەت؛
- چاشنىگىر — تېتىپ كۆرگۈچى ، پادىشاھنىڭ يېمەك - ئىچمىكىگە مەسئۇل بەگ ، پادىشاھنى زەھەرلىنىشتىن ساقلىغۇچى بەگ؛
- چاشنىلىق — مەززىلىك ، تەملىك ، شېرىن؛
- چاغ — زامان جەريانى؛ ۋاقىت.