لۇغەتنى كۆرۈش: چ
- چادىرشەب — چابشاب، كۆپە كىرلىكى؛
- چار — ؛1) ئالا - چىپار، ئاق ئارىلاش؛ 2) تۆت «چەھار»نىڭ قىسقارتىلغان شەكلى؛
- چار بازارچى — كونا جەمئىيەتتە ھەممە يەردە بولىدىغان قەرەللىك بازارلاردا سەييارە يۈرۈپ مال ساتقۇچى
- چار پارە — يىرتىق ، تۆت پارچە ؛پارچىلانغان، پارە - پارە؛ [چار پارە تون --- يىرتىق چاپان ، جۇلجۇل چاپان]؛
- چار پىچ — تۆت ئورام؛
- چار مىخ — گۇناھكارلارنىڭ ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىنى باغلاپ ئازابلاش ئۈچۈن تۆت تەرەپكە قېقىلغان قوزۇق؛ تۆت ئېلېمېنت (ئەناسىرى ئەربە
- چارە ئەندىش — چارە ئىزدىگۈچى ، چارە - تەدبىر كۆرگۈچى؛
- چارە پەرداز — چارە تاپقۇچى ، ئامال قىلغۇچى ، تەدبىر قىلغۇچى؛
- چارە پەيۋەند — چارە تاپقۇچى ، ئىلاج قىلغۇچى؛
- چارە جۇلۇق — چارە - تەدبىر تېپىش كويىدا بولۇش؛
- چارە خاھ — چارە ئىزدىگۈچى ، ئىلاج ئىزدىگۈچى ، چارە تېپىش ئۈچۈن تىرىشقۇچى؛
- چارە ساز — چارە قىلغۇچى ، قۇتقۇزغۇچى، ساقايتقۇچى ، كۆيۈمچانلىق كۆرسەتكۈچى؛
- چارە سەنچ — چارە تاپقۇچى ، ئىلاج قىلغۇچى؛
- چارە نەما — چارە كۆرسەتكۈچى ؛ كۆيۈمچانلىق قىلغۇچى؛
- چارەجۇ — چارە ئىزدىگۈچى ، ئامال ئىزدىگۈچى ، ئېپىنى تاپقۇچى؛
- چارەرەس — بىرەر ئىشنىڭ چارەسىنى تاپقۇچى ، ئىلاج قىلغۇچى؛
- چارەسىگال — چارە كۆرگۈچى ، ئامال ئويلاپ تاپقۇچى؛
- چارەكوش — چارە - تەدبىر تېپىشقا تىرىشقۇچى ، جانكۆيەر؛
- چارەگەر — چارە - تەدبىر كۆرگۈچى ، ئامال قىلغۇچى؛
- چارپاي — تۆت ئاياقلىق ھايۋانلار
- چارتاق — تۆت بۇلۇڭلۇق ، تۆت بۇرجەكلىك چېدىر ، تۆت تۈۋرۈكلۈك گۈمبەزسىمان ئۆي ؛ تۆت گۈمبەز؛
- چارچوب — ياغاچ رامكا، كىشەك؛
- چارداي — تۆتلىك ؛ تۆت قەۋەت؛
- چاردەرچار — تۆت ئۈستىگە تۆت ؛ سەككىز قىرلىق؛