لۇغەتنى كۆرۈش: ي
- يەرلىك/ يەرلەك — تېگىشلىك؛ [يەرلىك بەرى --- تېگىشلىك ئورنى]؛
- يەرمەغان — ئارمىغان ، يىراق سەپەردىن ئالغاچ كەلگەن سوۋغاتلىق ؛ سوۋغات ،تارتۇق؛
- يەرھەمۇكەللاھ — ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن!
- يەرىم — يېرىم ؛ [يەرىم جانلىق --- نىمجانلىق ، كۈچسىزلىك]؛
- يەزە — ئالدىنقى ، ئالدىدا ماڭغۇچى؛
- يەزەك — كېچە قاراۋۇلى ، جىسەكچى ، قورۇقچى ؛ ئالدى قوشۇن؛
- يەزەكدار — ئالدىدا يۈرگۈچى قوشۇن قوماندانى ، ئالدى قوشۇن باشلىقى؛كېچىلىك چارلاش ئەترەتىنىڭ باشلىقى؛
- يەزدان — خۇدا ، ئاللاھ ؛
- يەزدانپەرەست — خۇداپەرەس؛
- يەزمەك — ئازماق ، يېڭىلىشمەك ؛
- يەزنە — ئاچا ياكى سىڭىلنىڭ ئېرى ، ھەمشىرىنىڭ كۈيۆسى؛
- يەسار — سول قول ، چەپ ياق ، سول تەرەپ؛
- يەساقىي — ئەسكەر ، ياش ئەسكەر ؛ پادىشاھ جازاسى ، جەرىمانە ؛
- يەسالغان — ياسىما ، توقۇما ، توقۇلما ؛ سەپلەنگەن؛
- يەسەر — ئوڭاي ، ئاسان ، يەڭگىل ؛ ئوڭ تەرەپ ؛
- يەسرىب — مەدىنە شەھەرىنىڭ كونا ئىسمى ؛
- يەسلى — يەسلى: كىچىك بالالار (ئادەتتە 3 ياشتىن 6 ياشقىچە) ئۈچۈن تەييارلانغان دەسلەپكى تەربىيە-تەلىم مۇھىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەكتە
- يەسۇئ — ئىيسا پەيغەمبەر ؛
- يەسىر — ئاز ، كىچىك ؛ ئاسان ، يېنىك ، ئوڭاي ؛ قىمار ئوينايدىغان ، قىمار قىلىدىغان ، قىمارۋاز ؛
- يەشم — يېشىل رەڭلىك تاش ، يېشىل تۈسلۈك قاشتاش ؛
- يەشنەر قۇرت — يالتىراق ، پارقىراق قۇرت؛
- يەشىن — چاقماق؛
- يەغما — ؛(1) تالان - تاراج ، بۇزغۇنچىلىق؛ [يەغما چەكمەك --- تالان- تاراجغا ئۇچرىماق]؛ [يەغما قىلماق --- تالىماق ، بۇلىماق]؛ (2)
- يەقا — ياقا؛ قىرغاق؛ [يەقا چاك ئەيلەمەك --- زار- زار يىغلىماق]؛