لۇغەتنى كۆرۈش: ى
- ئىستىلاھ — ئاتالغۇ ، تېرمىن ؛ ئۆرپ - ئادەت ؛
- ئىستىلاھات — ؛«ئىستىلاھ»نىڭ كۆپلۈكى : ئاتالغۇلار ، تېرمىنلار؛ ئادەتلەر؛
- ئىستىلىستىكا — ئىستىلىستىكا-- تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ بىر تارماق ساھەسى بولۇپ، تىلنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى، سۆزلەش ۋە يېزىش ئۇسلۇبى، ئىپادە خ
- ئىستىمائ — ئاڭلاش ، تىڭشاش ، ئىشتىش؛ [ئىستىمائ ئەتمەك، ئىستىمائ قىلماق ---تىڭشىماق ، ئاڭلىماق]؛ [ئىستىمائ تۈشمەك --- ئاڭلانماق ،ئىش
- ئىستىمالەت — ئۆزىگە مايىل قىلىش ، ئۆزىگە تارتىش ، جەلپ قىلىش؛ [خەتتى ئىستىمالەت --- چاقىرىق خېتى ، ئۆز تەرەپىگە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۈندەپ
- ئىستىمەي — خالىمىغان بولسىمۇ، كۆڭلى يوق بولسىمۇ بىر ئىشنى قىلىش ھالەتى. ئادەم قانداقتۇر سەۋەبتىن مەجبۇرىيەتتە قالغانلىقتىن ياكى باش
- ئىستىمداد — ياردەم سوراش ، مەدەت تىلەش ، ياردەم سوراپ قول سوزۇش؛
- ئىستىمزاج — بىراۋنىڭ رايى ، مىجەزى ، تەبىئەتى ۋە خۇلقىنى بىلىۋېلىشقا تىرىشىش؛
- ئىستىناد — يۆلەنچۈك ، ئاساس ، تايانچۇق ، دەلىل ، پاكىت؛
- ئىستىنجائ — تۆۋەن بەدەننى يۇيۇش ، نىجاسەتتىن پاكلىنىش؛
- ئىستىھزائ — مەسخىرىلەش ، مازاقلاش ، كۈلكە قىلىش؛
- ئىستىھزار — ھازىرلاش ، تەييار قىلىش ، ھازىرلىتىش ، چاقىرىش ، چاقىرىپ كېلىش؛
- ئىستىھسال — ھاسىل قىلىش ، پەيدا قىلىش ؛ ئىگە بولۇش ، قولغا كەلتۈرۈش ، ئېرىشىش؛
- ئىستىھسان — بىراۋ ھەققىدە ياخشى گەپ قىلىش ، ياخشى خۇلقلىرىنى تىلغا ئالىپ ئەسلەش؛
- ئىستىھقاق — لاياقەت ، لايىقلىق؛
- ئىستىھكام — توساق؛ سېپىل؛
- ئىستىھلاك — ھالاك قىلىش ، يوقاتىش ، ئۆلۈم ، سەرپ قىلىپ تۈگىتىش،ئىستېمال قىلىش؛
- ئىستىھلال — بىر نەرسەنىڭ ھالاك بولۇشىنى ئىزدەش ؛ توغرىلىق؛ توغرا كۆرۈش ، مۇۋاپىق دەپ ھېسابلاش؛
- ئىستىۋائ — باراۋەرلىك ، تەڭپۇڭلۇق ، تەڭلىك ؛ ئېكۋاتور سىزىقى ؛ كۈن تىكلەشكەن چاغ، چۈش ۋاقتى؛
- ئىستىيغائ — يېتەرلىك دەرەجەدە قېلىش ، يەتكۈدەك ئېلىش ، ھەممەنى ئېلىش ؛ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ؛ ئورۇنلاش ، تاماملاش؛
- ئىستىيلائ — ئىگىلەش ، بېسىپ كېتىش ، قاپلاپ كېتىش ؛ بېسىۋېلىش ،ئىشغال قىلىش ،بويسۇندۈرۇش؛ [ئىستىيلائ قىلماق --- بېسىۋالماق ، قولغا كى
- ئىسچوتچىك — ئىشلىتىلگەن ئېلىكتىر قۇۋۋەتىنىڭ مىقدارىنى كۆرسىتىدىغان ئەسۋاب؛
- ئىسخىما — بىرەر نەرىسنىڭ ئومۇمى تەسۋىرى؛ تەخمىنى پىلان؛مۆلچەر كۆرۈنۈشى ياكى خۇلاسە كۆرۈنۈشى؛
- ئىسرا — كېچەسى ماڭدۇرۇش ، تۈندە بارغۇزۇش ؛ ئەۋەتىش ، يوللاش؛