ئىستىلىستىكا
مەنىسى
ئىستىلىستىكا-- تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ بىر تارماق ساھەسى بولۇپ، تىلنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى، سۆزلەش ۋە يېزىش ئۇسلۇبى، ئىپادە خاسلىقى قاتارلىق مەسىلەلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى تىل خاسلىقى، يازغۇچىنىڭ شەخسىي ئۇسلۇبى، ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى تىل ئىشلىتىلىشىنىڭ پەرقى (رەسمىي، مەجازىي، ئىلمىي، ئەدەبىي قاتارلىق)نى ئانالىز قىلىدۇ. مەسىلەن، شېئىر تىلىنىڭ كۈندەلىك سۆھبەت تىلىدىن پەرقى، يازغۇچىلارنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۆزگىچىلىكى، مەجاز سۆزلەر ۋە رېتورىك ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈمى قاتارلىق مەسىلەلەرنىڭ ھەممەسى ئىستىلىستىكىنىڭ تەتقىقات دائىرەسىگە كىرىدۇ. بۇ ئىلىم تىل ئۆگىتىش، ئەدەبىيات تەھلىلى ۋە تەرجىمە قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ؛
- چاغاتايچە
- ئىلمى بەلاغەت
- ئىنگلىزچە
- Stylistics
- تۈركچە
- Stilistik / Üslup bilimi
- خەنزۇچە
- 文体学