لۇغەتنى كۆرۈش: ى
- ئىستىسنا — مۇناسىۋەتسىز؛ قائىدەدىن سىرت قالدۇرماق؛باشقىلاردىن ئايرىماق؛
- ئىستىسنائ — ئايرېۋېتىش، چىقىرىپ تاشلاش؛ چىقىرىپ تاشلانغان؛
- ئىستىشمام — پۇراقلىق قىلىش ، پۇرىتىش ، پۇراش؛ پۇراپ بىلىۋېلىش؛ پۇراق؛
- ئىستىشھاد — گۇۋاھلىق ئىزدەش ، پاكىت كەلتۈرۈش ، مىسال كەلتۈرۈش ،نەقىل كەلتۈرۈش؛
- ئىستىغاسە — مەدەت سوراش ، ياردەمگە چاقىرىش؛
- ئىستىغپار — گۇناھىنى كەچۈرۈشنى تىلىمەك؛ توۋا قىلىش؛ئەپۇ سورىماق؛
- ئىستىغراب — ئەجەبلىنىش ، ھەيران قېلىش؛
- ئىستىغراق — غەرق بولۇش ؛ چۆكۈش ، پىكىرگە چۆمۈش ، ئويغا چۆمۈش؛ سوپىلىق تەلىماتىدا كىشىنىڭ ھاياجانلىنىپ ، ئۆزىنى بىلمەس دەرەجەدە پىكىر
- ئىستىغفار — گۇناھىنى كەچۈرۈشنى ، ئەپۇ قىلىشنى سوراش ، كەچۈرۈم سوراش؛ [ئىستىغفار ئەتمەك، ئىستىغفار قىلماق --- تۆۋە قىلماق ، ئەپۇ سورى
- ئىستىغنا — ئۆزىگە ئىشىنىش ؛ بىراۋغا ئېھتىياجىسىز؛
- ئىستىغنائ — بايلىق ، ئېھتىياجسىزلىق ، تارتىنىش ، ناز قىلىش ؛ پەرۋاسىزلىق، كەڭ قوللۇق؛ [ئىستىغنائ قىلماق --- بايلىقنى ئىپادىلىمەك، ئې
- ئىستىفادە — پايدىلىنىش ، بىرەر نەرسەنى ئۆگىنىۋېلىش ، بىلىم ئېلىش ،ئۆگىنىش؛
- ئىستىفادەت — ق . ئىستىفادە؛ [ئىستىفادەت ئەتمەك --- پايدىلانماق ،بىلىم ئالماق]؛
- ئىستىفتاھ — كىرىشىش ، باشلاش؛ [ئىستىفتاھ كۈنى --- باشلاش كۈنى]؛
- ئىستىفسار — ئىزاھ تەلەپ قىلىش ، شەرھلەشنى تەلەپ قىلىش ؛ سوراپ بىلىش؛ [ئىستىفسار قىلماق --- تەپسىر قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش، ئىزاھ تەلە
- ئىستىفھام — سوراش ، چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇش، تىڭ - تىڭلاش؛
- ئىستىقامەت — توغرىلىق ، قەيسەرلىك ، چىدامچانلىق ؛ نۇرغۇنلۇق ، بەرقارارلىق؛ [ئىستىقامەت تاپماق --- تۇرۇپ قالماق ، ئولتۇراقلىشىپ قالماق
- ئىستىقبال — كېلەچەك زامان؛ قارشى ئېلىش ، كۈتۈۋېلىش ، ئالدىغا چىقىش؛ [ئىستىقبال قىلماق ---قارشى ئالماق]؛
- ئىستىقسائ — بىرەر نەرسەنىڭ تېگى - تەكتىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇش ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ،تولۇق بىلىۋېلىشقا تىرىشىش ؛ تەتقىقات؛ [ئىستىقس
- ئىستىقلال — مۇستەقىللىق؛ ھېچكىمگە بېقىنمايدىغان؛ ئۆزىگە ئۆزى خوجا؛
- ئىستىل — ئۇسلۇپ؛ تەرىز؛ يول؛
- ئىستىلا — بېسۋالماق ؛ قورال كۈچى بىلەن ئۆزىگە قارىتىۋالماق؛ يەڭمەك؛
- ئىستىلا(باسقين)
- ئىستىلام — قوبۇل قىلىش ؛ تاپشۇرۇپ ئېلىش ؛ يول قويۇش ، تەسلىم بولۇش ،مەككىدىكى قارا تاشنى سۆيۈش؛