لۇغەتنى كۆرۈش: ى
- ئىستىباھەت — توغرا تېپىش ، مۇۋاپىق كۆرۈش ؛ مۇسادىرە قىلىش؛
- ئىستىبدات — زومىگەرلىك؛ زالىملىق؛ جەۋرى-زۇلۇمغا تايانغان ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى؛
- ئىستىبداد — ھاكىممۇتلەقلىق ، زومىگەرلىك ، زالىملىق؛
- ئىستىبرائ — ئەۋرەتنى پاسكىنچىلىقتىن تازىلاش ، يۇيۇش ، گۇناھىدىن پاكىزلىنىش؛
- ئىستىپا — تەلەپ قىلىپ خىزمەتتىن بوشانماق؛
- ئىستىپا بەرمەك
- ئىستىتائەت — قۇدرەت ، كۈچ ، ئىقتىدار؛
- ئىستىجاب — قوبۇل بولۇش ، تەلەپ قوبۇل قىلىنىش ، قانائەت ھاسىل قىلىش ،قانائەتلىنىش؛
- ئىستىجازە — رۇخسەت سوراش ، ئىجازەت تەلەپ قىلىش ؛ رۇخسەتكە ئىگە بولۇش؛ [ئىستىجازە قىلماق --- رۇخسەت سورىماق]؛
- ئىستىخارە — پال بېقىش ، رەم بېقىش ، ياخشى چۈش كۆرۈشنى تىلەپ ئۇخلاش؛
- ئىستىخراج — ئېچىپ چىقىرىش ، كولاپ چىقىرىش ؛ پىششىقلاش؛ [ئىستىخراج قىلماق --- چىقارماق، ھاسىل قىلماق]؛
- ئىستىخفاق — كەمسىتىش ، پەس كۆرۈش؛
- ئىستىخلاس — خالاس قىلىش ، قۇتقۇزۇش ، ئازاد قىلىش؛
- ئىستىخىيە — ئۇيۇشمىغان ھالدا ۋە تەرتىپسىز رەۋىشتە،پىلانسىز ۋە رەھبەرلىكسىز بولىدىغان ھەركەت؛
- ئىستىدئا — تىلەش ، يېلىنىپ سوراش ، يالۋۇرۇش ، تەكلىپ قىلىش ، چاقىرىش؛ [ئىستىدئا قىلماق --- يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ سورىماق]؛
- ئىستىدات — قابىليەت؛ ئىشقا تەييارلانماق؛ تىرىشچانلىق؛
- ئىستىدامەت — بىرەر ئىشنىڭ داۋاملىق بولۇشىنى تىلەش ، دائىملىقنى ئىزدەش؛
- ئىستىدلال — بىرەر دەۋانى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل كەلتۈرۈش، بىرەر بەلگە ئارقالىق بىر نەرسەنى بىلىش؛
- ئىستىراھەت — دەم ئېلىش ، راھەتلىنىش؛
- ئىستىراھەتگاھ — ئارام ئالىدىغان جاي (يەر)؛
- ئىستىرزائ — رازىلىق سوراش؛ [ئىستىرزائ قىلماق --- رازىلىق سورىماق]؛
- ئىستىرھام — ياخشىلىق تىلەش ، مەرھەمەت ئىزدەش ؛ كەچۈرۈم تىلەش؛
- ئىستىزھار — ھىمايە تەلەپ قىلىش ، ياردەم سوراش؛
- ئىستىسقائ — يېغىن تىلەش ، يامغۇر تىلەپ دۇئا قىلىش؛ قېرىنغا سۇ يىغىلىپ قېلىش كېسەلى؛