لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نامۇتەناھى — چەكسىز ، چېگراسىز ، پۈتمەس - تۈگىمەس؛
- نامۇتتەفىق — بىرلىككە كەلمىگەن ، ئىتتىپاقلاشمىغان ؛ كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان؛
- نامۇراد — مۇرادىغا يەتمىگەن ، مۇرادسىز ؛ مەغلۇپ بولغان ، مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغان ؛ ئۈمىد ئۈزگەن ، بەختسىز؛
- نامۇس — ئىپپەت ، پاكلىق ، يۈز ؛ ئەدەپ ، قانۇن ، شەرىئەت ، نىزام ، قائىدە؛ ئابروي ، ئاتاق؛
- نامۇسكار — نومۇسلۇق ، ئىپپەت نومۇسىنى ساقلىغۇچى ؛ ئەدەپلىك؛
- نامۇكەررەر — تەكرارلانمايدىغان ، باشقا - باشقا؛
- نامۇلايىم — يېقىمسىز ، ئۇيغۇن ئەمەس؛
- نامۇناسىب — مۇناسىپ كەلمەيدىغان ، مۇۋاپىق بولمىغان ، جايىدا بولمىغان؛
- نامۇنەڭ — ق . نەڭ؛ شۆھرەت ۋە ئىش - ئەمگەك؛
- نامۋەر — داڭلىق ، مەشھۇر ، ئابرۇيلۇق؛
- نامىنال ئۆسۈم — نامىنال ئۆسۈم /نامىنال پايدا نىسبەتى-- بانكا ياكى مالىيە ئاپپاراتلىرى تەرەپىدىن بېرىلگەن ياكى ئېلان قىلىنغان پايدا نىسبە
- نامىھربان — مېھىرسىز ، رەھىم - شەپقەتسىز؛
- نامىي — مەشھۇر ، نامى چىققان ، داڭلىق؛
- نامىيە — ئۆسۈش كۈچى ، ئۆسۈش قۇۋۋەتى؛
- نانكور — تۇزنى يەپ تۇزلۇققا ئولتۇرۇپ قويغۇچى، مەرھەمەت ۋە ۋاپادارلىق بىلمىگۈچى، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچى؛
- ناھارى — كۈندۈزى؛
- ناھارىيەت — Nutrition(ئىسىم)--جانلىقلارنىڭ ساغلام ھايات سۈرۈشى، ئۆسۈش-تەرەققىياتى ۋە نورمال فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئىدامە قىلىش
- ناھان(نىھان)؛ — مەخپى؛ يوشۇرۇن؛
- ناھايەت — ئاقىۋەت؛ ئاخىر؛نەتىجەدە؛
- ناھەقشىناس — ۋاپاغا جاپا قىلغۇچى ، ياخشىلىققا يامانلىق قىلغۇچى؛
- ناھەمپايلىق — ھەمدەمسىزلىك؛
- ناھەمۋار — ئېگىز - پەس ، تەكشى ئەمەس ، ئوي - دۆڭ ؛ قۇلايسىز يەر؛
- ناھەمۋارلىغ — ئوي - دۆڭ چوڭقۇرلۇق ، ئېگىز - پەسلىك ، تەكشىسىزلىك؛ قۇلايسىزلىق؛
- ناھىد — يورۇق يۇلتۇز ، زوھرا يۇلتۇزى (ۋېنىرا سەييارەسى)؛