لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- ناھىنجار — ناقۇلاي ، قوپال ؛ ئېگىز - پەس ، مايماق ؛ نورمال بولمىغان ،ئورۇنسىز؛
- ناھىيە — مەملىكەت ياكى دەۋلەت ئىچىدەكى بىر كىچىك باشقۇرۇش رايونى ،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ باشلىقى ،باشقۇرۇش تۈزۈلمەسى،مەخسۇس قانۇن يۈرگۈزۈش
- ناھىيە،ناھىيەت — رايون ، تۇپراق ، زېمىن يەر ؛ تەرەپ ، ياق؛
- ناۋ — نو ، ئېرىق ، چوش ؛ تۆشۈك ، يېرىق؛
- ناۋا — كۈي؛ ئاۋاز؛ مۇزىكا ئاھاڭى؛
- ناۋازىش — خۇش مۇئامىلە؛
- ناۋە — ياغاچ چوش ، بىناكارلىقتا ماتېرىيال توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ ئەسۋاب؛
- ناۋەرد — يۈگۈرۈش ، چۆرگىلەش . ئايلىنىش ؛ جەڭ ، ئۇرۇش ، كۈرەش؛ [ناۋەرد كۆرگۈزمەك ---ئۇرۇشماق ، كۈرەش قىلماق ، جەڭ قىلماق]؛
- ناۋەك — ئوقيا ئوقى؛ كۆچمە مەناسى: كىرپىك؛
- ناۋەك ئەنداز — [ناۋەك ئەنداز=ناۋەك فىگەن/ناۋەك ئەفكەن]؛ ئوق ئاتقۇچى ، مەرگەن؛
- ناۋەكەش — قۇرۇلۇش ماتېرىيالى توشىغۇچى ؛ بىناكارلىق ئىشچىسى؛
- ناۋدان — ئېرىق ، ساي ، نو ، چوش؛
- ناۋىگاتسىيە — Navigation(ئىسىم)-- بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يول تېپىش، يۆتكىلىش پروتسېسى؛ كېمە ياكى ئايروپىلاننى باشقۇرۇش ئىلمى؛ ۋ
- ناي — قومۇش ؛ نەي؛
- ناياب/نايافەت — تېپىلمايدىغان ، قىممەت باھا ، قىممەتلىك ، ئاز ئۇچرايدىغان ، نادىر؛
- ناياپ — ئاز ئۇچرايدىغان گۆھەر؛
- نايۇكوس — نەي بىلەن ناغرا؛
- نايىب مەناب — ئورۇنباسار؛
- نە — ؛(1) «قايسى؟ قانداق ، نېمە؟» مەنالىرىدە كېلىدۇ؛ (2) يوق ، ياق ، ئەمەس قاتارلىق ئىنكار مەناسىدە كېلىدۇ؛ [مەندە نە بۇ ئەمر
- نەئت — سۈپەتلەش ، كىشىنىڭ ياخشىلىق تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ ماختاش؛ پەيغەمبەرنى مەدھىيەلەش؛
- نەئدىبىي — تۈزىتىش خاراكتېرلىك ، تەربىيەۋى ، نەسىھەت خاراكتېرلىك، جازا خاراكتېرلىك؛
- نەئرە — سۈرەن ، چۇقان ، نەرە؛
- نەئرەئى ھايىل — قورقۇنچلۇق سۈرەن؛
- نەئرەزەن — نەرە تارتقۇچى ، سۈرەن سالغۇچى ، ۋارقىرىغۇچى؛