لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نامەئلۇم — مەلۇم بولمىغان ، بىلگىلى بولمايدىغان ، ئېنىقسىز؛
- نامەئى ئەئمال — ئەمەللەر (ھايات ۋاقتىدا قىلغان ياخشى - يامان ئىشلار) خاتىرەسى؛
- نامەئى ئىقبال — مېھرىبانلىق خېتى ، خۇشاللىق خېتى؛
- نامەبەر — خەت توشۇغۇچى؛ [تايىرى نامەبەر --- خەت توشۇغۇچى كەپتەر]؛ [نامەبەرقۇش ---كەپتەر]؛
- نامەرئى — رىئايە قىلىنمىغان ، ئېتىبارغا ئېلىنمىغان؛
- نامەربۇت — بىر - بىرىگە باغلانمىغان ، قولاشمىغان؛
- نامەرد — نامەرت ، ئەرلىك جىگىرى يوق ئادەم ، پەسكەش ؛ توخۇ يۈرەك؛
- نامەردۇم — ئادەمگەرچىلىكى يوق ، ئادەم قېلىپىدىن چىققان ؛ ۋىجدانسىز؛
- نامەردۇملىغ — ئادەمگەرچىلىكى يوقلۇق ؛ ۋىجدانسىزلىق؛
- نامەسمۇئ — تىڭشاشقا لايىق بولمىغان ، لاياقەتسىز ، يېقىمسىز ، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ؛ بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان؛
- نامەسىياھ ، نامەسىيەھ — گۇناھكار ، جىنايەتچى؛
- نامەفھۇم — چۈشىنىكسىز ، بىلگىلى بولمايدىغان ، ئۇققىلى بولمايدىغان؛
- نامەقبۇل — قوبۇل قىلىنمىغان ، تاپشۇرۇپ ئېلىنمىغان؛ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ، يول قويغىلى بولمايدىغان ، چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان؛
- نامەقدۇر — كۈچ يەتمەيدىغان ، ئۆلچەمسىز ، ھەددىسىز ، چېگراسىز ،چەكسىز؛
- نامەقدۇرە — ئۆلچەمسىز؛
- نامەھرەم — يات ، چەتتىن كەلگەن ، يات ئادەم ، ئۆز بولمىغان كىشى؛
- نامەھسۇر — چېگراسىز . چەكسىز ؛ ئىھاتىلەنمىگەن؛
- نامەۋزۇن — ئۆلچەمسىز ، ۋەزىنسىز ، كېلىشمىگەن ، ياراشمىغان؛
- نامجوي — شۆھرەتلىك ، داڭ چىقارغان ؛ شۆھرەت ئىزدىگۈچى؛
- نامدار — مەشھۇر ، داڭدار؛
- نامراتلىق — Poverty(ئىسىم)--ئاساسىي ياشاش ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا كېرەكلىك پۇل-مال، رېسۇرس ياكى ئىمكانىيەتلەرنىڭ يوق ياكى كەم بولۇ
- نامزاد ، نامزەد — تاللاپ كۆرسىتىلگەن ، تىلغا ئېلىنغان ، نامزات ؛ كاندىدات؛ چاي ئىچكۈزۈلگەن قىز؛
- نامسىز بارماق — بەش بارماق نامى؛
- نامۇ-نەڭگە(نەڭگە-نامۇ)؛ — ئار - نومۇس؛