لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- ناكارلىق
- ناكام — ئىستەكىگە يېتەلمىگەن ، مۇرادىغا يېتەلمىگەن ، مەھرۇم ، بەھرىسىز؛نائىلاج، چارەسىز؛
- ناكاملىغ — مەھرۇملۇق ، مۇرادسىزلىق ، بىبەھرلىك؛
- ناكەردە — قىلىنمىغان ، ئىشلەنمىگەن؛
- ناكەس — ئەرلىك ۋىجدانى يوق ؛ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ؛ پەس ، پەسكەش؛ بېخىل؛
- ناكەستە — بېخىل، ئىچى قارا؛ خەسىس؛
- ناگاندا — ئاندا-ساندا؛ ئارىلاپ؛ دائىمىي ئەمەس؛
- ناگاھ — توساتتىن ، ئويلىمىغان چاغدا؛
- ناگاھان — تۇيۇقسىز ، توساتتىن؛
- ناگاھىي — توساتتىن يۈز بېرىش ، تۇيۇقسىزلىق ؛ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن؛
- ناگۇزىر — ئىلاجسىز ، نائىلاج ، چارەسىز ؛ مۇقەررەر ، ساقلانغىلى بولمايدىغان، زۆرۈرىي؛
- ناگىرىفت — كۈتۈلمىگەندە گىرىپتار بولغان ئاغرىق ، تۇيۇقسىز بولغان كېسەل ؛ توساتتىن يۈز بەرگەن ھادىسە؛
- ناگىھان(ناگاھ)؛ — دەررۇ؛ شۇسائەتتە؛ قاچانلا بولمىسۇن؛
- نال — قۇمۇش قەلەم ئىچىدەكى ئىنچىكە تۆمۈر ، قىلتىرىق ، قۇمۇش؛
- نالان — نالە قىلغۇچى ، پىغان چەككۈچى ، ئىڭرىغۇچى ؛ نالە قىلغان ۋە پىغان چەككەن ھالدا؛
- نالە(نالەش)؛ — پەريات؛ زارلىماق؛ يالۋۇرماق؛ ئىڭرىماق؛
- نالەندە — نالە قىلغۇچى ، ئىڭرىغۇچى؛
- نام — ئات ، ئىسىم ، شۆھرەت ، داڭ ، شان؛ [نامدار --- داڭلىق ، مەشھۇر]؛ [بەدنام --- رەسۋا ، نامى بۇلغانغان]؛
- نامازشام قارىغۇسى
- نامايىش — كۆرسەتمەك؛ كۈچ،قابىلىيەت، ھۈنەر-سەنئەتنى كۆرسىتىش؛
- نامە — خەت ، مەكتۇپ ، رىسالە؛ [نامە سەبت قىلماق --- خەت يازماق]؛
- نامە ئارا — خۇشخەت ؛
- نامەئدۇد — ھېسابسىز ، سان - ساناقسىز؛
- نامەئقۇل — ئەقىلگە توغرا كەلمەيدىغان ، ئەقىلگە سىغمايدىغان ، مۇۋاپىق بولمىغان ، مەنتىقىگە سىغمايدىغان ، بىمەنە؛