لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- ناغۇ — نىچۈك ، قانداق ، نېمە ئۈچۈن ، نېمىشقا؛
- ناف — كىندىك؛ كۆچمە مەناسى: مەركەز ، دەل ئوتتۇرا؛
- نافە — ئىپار ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورگان ، ئىپار بېزى؛
- نافەئى تاتار — ساپ ۋە خۇشبۇي ئىپار؛
- نافەئى تەييىپ — خۇشبۇي ئىپار؛
- نافەئى چىن — چىن ئىپارى؛
- نافەراھەم — ئىخچام ئەمەس ، بىسەرەمجان ، تارقاق ، بىر جايغا توپلانغان؛
- نافەرجام — ئاقىۋىتى ياخشى بولمىغان ، نەتىجەسىز ، پايداسىز؛
- نافەرجاملىغ — ئاقىۋىتى خەيرىيەتسىزلىك ، نەتىجەسىزلىك ، پايداسىزلىق؛
- نافەررۇخ — راۋاج تاپمىغان ، ئىشى يۈرۈشمىگەن؛
- نافەرمان — ؛(1) ئىتائەتسىز ، بويسۇنمىغۇچى؛ (2) بىنەپشە رەڭ؛
- نافەرمانلىغ — ئىتائەتسىزلىك ، بويسۇنمىغۇچىلىق؛
- نافىئ — پايدالىق ، نەپلىك ، مەنپەئەتلىك؛
- نافىز — نوپۇزلۇق ، ئۆتكۈر ، تەسىرى كۈچلۈك ، تەسىرلىك ؛ سىڭىدىغان ؛ تېشىپ ئۆتىدىغان ؛ ئۈنۈملۈك؛
- نافىزى فەرمان — ھۆكۈمى ئۆتىدىغان ، ھۆكۈمران؛
- نافىلە — نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت ، ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان ۋەزىپە ، بېجىرىلىشى مەجبۇر بولمىغان ئىش، ئىختىيارىي ئىش؛ ئىختىيارىي ناماز؛
- نافىيە — رەت قىلغۇچى ؛ مەنپىيگە ئايلاندۇرغۇچى؛
- ناقابىل — ئەھمىيەتسىز ، ئەرزىمەس؛ مۇمكىن بولمايدىغان ، ئىمكانىيەتى يوق ؛ قابىلىيەتسىز، ئىقتىدارسىز؛
- ناقۇس — چوڭ قوڭغۇراق؛ [ناقۇسى مۇغانە --- مەجۇسلار قوڭغۇرىقى ،ئاتەشپەرەسلەر قوڭغۇرىقى]؛
- ناقۇسى مەدىنە — شەھەر قوڭغۇرىقى؛
- ناقىز — زىيانلىق ، زىت ، نامۇۋاپىق؛
- ناقىس / ناقىسۋەش — نۇقسانلىق ، كەمچىلىكى بار ؛ تولۇق ئەمەس ، يېتەرسىز؛
- ناقىل — نەقىل قىلغۇچى ، ھېكايە قىلغۇچى ، يۆتكىگۈچى ، توشۇغۇچى ، خەۋەر توشۇغۇچى ،كۆچۈرگۈچى؛
- ناكار — يارامسىز ، ئىشقا يارىمايدىغان ، تەسىرسىز ، ئۆتمەس؛