لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- ناس — ؛«ئىنسان»نىڭ كۆپلۈكى : ئادەملەر ، كىشىلەر ، ئىنسانلار؛ [ئەييۇھەنناس --- ھەي ئادەملەر!]؛
- ناساز — ماس كەلمەيدىغان ، ماسلاشمىغان ، قاملاشمىغان ، ئوسال ، ئەسكى ، ناچار؛
- ناسەبۇر — سەۋرسىز ، چىدامسىز؛
- ناسەرە — ياخشى ئەمەس ، ساپ ئەمەس ، راست ئەمەس ، ياسالما؛
- ناسەزا — نامۇۋاپىق ، مۇناسىپ ئەمەس؛
- ناسەزالىق — نالايىقلىق ، نامۇۋاپىقلىق ، مۇناسىپ ئەمەسلىك؛
- ناسەۋاب — خاتا ، ناتوغرا؛
- ناسۇدمەند — پايدا چىقمايدىغان ، پايداسىز ، بەھرىسىز ، نەپ بەرمەيدىغان؛
- ناسۇفتە — تېشىلمىگەن ؛ قول تەگمىگەن ، پاكىز ، ياتلىق بولمىغان؛ [ياقۇتى ناسۇفتە --- تېشىلمىگەن ياقۇت]؛
- ناسىپ — نېسىپ بولماق؛
- ناسىپاس — ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ، رەھمەت ئېيتىشىنى بىلمەيدىغان ،ناشۈكۈر؛
- ناسىخ — ؛(1) بىكار قىلغۇچى ؛ يوققا چىقارغۇچى ؛ (2) نۇسخا كۆچۈرگۈچى ،كۆچۈرگۈچى؛
- ناسىر — ؛(1) ياردەم بەرگۈچى ، ياردەمچى ، قوغدىغۇچى ؛ قۇتقۇزغۇچى ؛ قوللىغۇچى، مەدەتكار ؛ غالىب ، غەلىبە قىلغۇچى؛ (2) نەسرىي ئەسەر
- ناسىھ — نەسىھەت قىلغۇچى ؛ تەربىيە قىلغۇچى ؛ پىلان كۆرسەتكۈچى ، مەسلىھەتچى؛
- ناسىھا — ھەي، نەسىھەتچى! ھەي،نەسىھەت قىلغۇچى!
- ناسىيە — پېشانە ، چىكىلەك ؛ تاشقى كۆرۈنۈش ، يۈزەكى ھال ؛ بۇلۇڭ ، بۇرجەك؛
- ناشات (ناشاد)؛ — خاپا؛ غەمكىن؛ كۆڭۈلسىزلىك؛
- ناشاد — خاپا، قايغۇلۇق؛
- ناشايىست/ناشايىستە — كېلىشمىگەن ، سەت ، ئوخشىمىغان ؛ مۇناسىپ كەلمىگەن، يامان ، يارىماس، نامۇۋاپىق؛
- ناشتىلىق
- ناشۇكۇفت(ناشۇگۇفت)؛ — ئېچىلمىغان؛ [غۇنچەئى ناشۇكۇفت --- ئېچىلمىغان غۇنچە]؛
- ناشىر — نەشر قىلغۇچى ، تارقاتقۇچى ، جاكارلىغۇچى ، ئېلان قىلغۇچى ، تەشۋىق قىلغۇچى؛
- ناشىناس — نام قازانمىغان ، داڭ چىقارمىغان ، شۆھرەت قازانمىغان ، تونۇلمىغان؛ [ھەق ناشىناس --- نانكور ، ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان]؛
- ناشىي — ؛(1) بىلىمسىز ، تەجرىبەسىز ؛ ئەھلى بولمىغان؛ (2) پەيدا بولغۇچى ، كېلىپ چىققۇچى ،تۇغۇلغۇچى ، پەيدا بولۇۋاتقان ، يۈز بېرىۋ