لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نۇش — ئىچمەك؛ يىمەك؛ ھەسەل؛ بال؛ لەززەت؛
- نۇش لەب — شېرىن لەب؛
- نۇش ھەند(نۇشخەند)؛ — شېرىن كۈلكە؛
- نۇشۇر — تىرىلىش ، قايتىدىن جانلىنىش ، باشقىدىن جان كىرىش؛
- نۇشىرۋان — قەدىمىي ئىراننىڭ مەشھۇر ئادالەتپەرۋەر پادىشاھى؛
- نۇفۇر — قېچىش ، قېچىپ كېتىش ؛ تارقىلىش ، قورقۇپ قېچىش ؛ نەپرەتلىنىش؛
- نۇفۇز — كۈچ ، قۇدرەت ، تەسىر كۈچ ، تەسىر ، رول ؛ سىڭىپ كىرىش ، تېشىپ ئۆتۈش؛ ئابرۇي ، شۆھرەت؛
- نۇفۇس — ؛«نەفس»نىڭ كۆپلۈكى : خەلق ، ئامما ، ئاھالە ؛ روھلار ، ئەقىللەر؛
- نۇقەبائ — ؛«نەقىب»نىڭ كۆپلۈكى : باشلىقلار ، ئاقساقاللار ، كاتتىباشلار؛
- نۇقەت — ؛«نۇقتە»نىڭ كۆپلۈكى : چېكىتلەر ، توچكىلار ؛ خاللار ، داغلار؛
- نۇقەيىل — سېنى دەپ؛ سېنىڭ ئۈچۈن؛ سەۋەپ بىلەن.
- نۇقتە — چېكىت، نۇقتا ، خال، داغ ، ئورۇن ، جاي، ماكان؛
- نۇقتەئى مەۋھۇم — كۆڭۈلدىكى نۇقتا ، پەرەز قىلىنغان نۇقتا؛
- نۇقتەئى مۇشك — ؛(كۆچمە مەناسى) قارا خال ؛
- نۇقتەكا — بىرەر نەرسەنىڭ قاپ ئوتتۇرىسى، دەل ئوتتۇرا، مەركەز؛
- نۇقتىلار/سان — Points(ئىسىم، كۆپلۈك شەكلى)--"point" نىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، نۇقتىلار، سانلار (مۇسابىقىدە)، پىكىرلار، مۇھىم جەھەتلەر، ئو
- نۇقرە — كۈمۈش؛
- نۇقس — ئازايتىش ، كېمەيتىش ؛ كەمچىلىك ، يېتەرسىزلىك ، قۇسۇر؛
- نۇقسان — كەمچىلىك ، كەملىك ، يېتىشسىزلىك ، قۇسۇر ، ئەيىپ؛
- نۇقل — گېزەك (مەي ئىچكەندە يېيىلىدىغان ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەر)؛ زاكۇسكا؛
- نۇقۇب — ؛«نىقاب»نىڭ كۆپلۈكى: نىقابلار ، چۈمبەللەر ، چۈمپەردىلەر؛
- نۇقۇد — ؛«نەقد»نىڭ كۆپلۈكى: نەق پۇللار؛
- نۇقۇش — ؛«نەقش»نىڭ كۆپلۈكى: نەقىشلەر ، رەسىملەر ، كەشتىلەر؛
- نۇقۇل — ؛«نەقل» كۆپلۈكى: يۆتكەشلەر ، كۆچۈرۈشلەر ، نەقىللەر؛بايانلار؛