لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نۇخۇست — بىرىنچى قېتىم ، بىرىنچى ؛ بىرىنچىدىن ، ئالدىن؛
- نۇدبەر — ماتەم ناخشاسى ، ماتەم سۆزى ؛ يىغا ، يىغلاش ، نالە قىلىپ يىغلاش؛
- نۇر — نۇر ، يورۇقلۇق ، روشەنلىك؛
- نۇر ئامىز — نۇرلۇق؛
- نۇر بەخش — نۇرلۇق ، نۇر چاچقۇچى؛
- نۇرانە — نۇرلۇق ؛ يورۇق؛ ئايدىڭ؛ چىرايلىق؛ گۈزەل؛ جامالىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان؛
- نۇرانىي — پارلاق ، شانلىق ، نۇرلۇق؛
- نۇرەپشان — نۇر چاچىدىغان؛ نۇر چاچقۇچى؛
- نۇرەفشان — نۇر چاچقۇچى ، پارلاق؛
- نۇرپاش — نۇر چاچقۇچى ، يورۇتۇپ تۇرغۇچى؛
- نۇرھالقا — ساتۇرىننى ئوراپ تۇرىدىغان نۇر چەمبەرەكى (نۇر ھالقاسى)؛
- نۇرۇلئەين — كۆز نۇرى ، كۆزنىڭ گۆھىرى ؛ كۆچمە مەناسى: سۆيۈملۈك ، ئەزىز ،پەرزەنت؛
- نۇرۇن — نۇر ، يورۇقلۇق؛ [نۇرۇن ئەلانۇر --- نۇر ئۈستىگە نۇر ، ياخشىلىق ئۈستىگە ياخشىلىق]؛
- نۇرى ئەين — كۆز نۇرى؛ كۆچمە مەناسى: سۆيۈملۈك ، ئەزىز ، پەرزەنت؛
- نۇزھەت/نەزھەت — كۆڭۈل ئېچىش ، تاماشا قىلىش ، ئىستىراھەت قىلىش ؛ پاكلىق ، ئىپپەت؛
- نۇزھەتگاھ/نۇزھەنگەھ/نەزھەتگاھ — كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى ، سەيلىگاھ ، ئەيش - ئىشرەت جايى؛
- نۇزۇل — چۈشۈش ، يۇقارىدىن تۆۋەنگە چۈشۈش ، قونۇش؛ [نۇزۇل قىلماق --- چۈشمەك ؛ قونماق]؛
- نۇسخا — Version(ئىسىم)--بىر نەرسەنىڭ ئالاھىدە شەكلى، نۇسخاسى، ۋېرسىيىسى؛ ئوخشاش ئەمما ئاز پەرقلىك بولغان ۋاقىت جەھەتتىن پەرقلىك
- نۇسخە — بىرەر ئەسەرنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ؛ كىتاب ، كىتابنىڭ ھەر دانەسى؛ دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورا قەغىزى؛ تۇمار؛ [نۇسخە تەسنىف ئەتمەك -
- نۇسخىلاش
- نۇسرەت — غەلىبە ، غالىبىيەت ؛ ياردەم؛
- نۇسۇب — ؛«نىساب»نىڭ : ئۇللار ، ئاساسلار ، مەنبەلەر ،يىلتىزلار؛
- نۇسۇر — ؛«نەسر» كۆپلۈكى : بۈركۈتلەر؛
- نۇسۇس — ؛«نەسس»نىڭ كۆپلۈكى: تېكىستلەر، ھۆججەتلەر؛