لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نۇقىل — غىزا؛ تائام؛
- نۇكەت — ؛«نۇكتە»نىڭ كۆپلۈكى : نازۇك مەنالىق سۆزلەر ، چوڭقۇر مەنالىق سۆزلەر ، بايانى قىزىق، مەناسى چوڭقۇر ۋە گۈزەل سۆزلەر ؛ چېكىت
- نۇكتە — سىرلىق ، نازۇك؛ نازۇك مەنالىق سۆز ؛ مەناسى چوڭقۇر ۋە گۈزەل سۆز؛ چېكىت ، توچكا؛ [ نۇكتە سۈرمەك --- گەپ قىلماق ، چىرايلىق
- نۇكتە ئاۋەر — سۆزلەگۈچى ، ھېكايىچى ، داستانچى؛
- نۇكتە پەرۋەردە — ئاجايىپ ۋە نازۇك مەنالىق؛
- نۇكتە تىراز — گۈزەل سۆزلەگۈچى ، ماھىر ناتىق؛
- نۇكتەئارا — [نۇكتەگۇ/نۇكتەگۇي/نۇكتەسەرا/نۇكتە پەرداز= نۇكتەئارا]؛ مەنالىق گەپ قىلغۇچى ، گۈزەل سۆزلەگۈچى؛
- نۇكتەئى تەۋھىد — بىرلىك سۆزى ، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە شاھادەت كەلىمە؛
- نۇكتەئى مەزمۇم — يامان سۆز ، ئەدەپكە خىلاپ سۆز؛
- نۇكتەئى مەۋزۇن — كېلىشكەن سۆز ، يېقىملىق سۆز؛
- نۇكتەبىز — نازۇك پىكىر چاچقۇچى ، سۆز گۆھەرلىرى ، تۆككۈچى؛ كۆچمە مەناسى: ماھىر يازغۇچى ، قابىل شائىر؛
- نۇكتەجو — نازۇك سۆز ئىزدىگۈچى، چوڭقۇر مەنالىق سۆزلەرنى ئاختۇرغۇچى؛
- نۇكتەدان — [نۇكتەدان=نۇكتەسەنج]؛ سۆزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مەنالىرىنى چۈشەنگۈچى ، نازۇك چۈشەنچىلىك ، ئەقلى تولۇق ،دانىشمەن؛
- نۇكتەدانلىغ — ئۆتكۈرلۈك ، دانىشمەنلىك؛
- نۇكتەدانى بىسات — يەر يۈزى دانىشمىنى، داڭلىق نازۇك سۆزلەر بىلىمدانى؛
- نۇكتەرانلىغ — چوڭقۇر مەنالىق سۆز قىلىش ، نازۇك پىكىرلەرنى بايان قىلىش؛
- نۇكتەرىز — سۆزمەن ، نازۇك پىكىر بايان قىلغۇچى ؛
- نۇكتەفىشان — نازۇك پىكىرلەر بايان قىلغۇچى ، چوڭقۇر مەنالىق سۆزلەگۈچى؛
- نۇكتەۋەر — [نۇكتەۋەر=نۇكتەران]؛ چىرايلىق سۆزلەگۈچى ، كېلىشتۈرۈپ سۆزلەگۈچى؛ مەنالىق جاۋاب قايتۇرغۇچى؛
- نۇكلېئار فىزىكا / يادرو فىزىكاسى — Nuclear physics(ئىسىم)--ئاتوم يادروسىنىڭ تۈزۈلمەسى، تەركىبى، خاسلىقلىرى، ئۆزگىرىش جەريانلىرى ۋە يادرو كۈچلەرىنى تەتقىق ق
- نۇن — ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى «ن» ھەرپىنىڭ نامى ؛ كۆچمە مەناسى: سۆيگەن يارنىڭ ئېڭىكى؛ (شائىرلار بۇ يەردە ، يېرىم دائىرە «ن»شەكلىنى
- نۇھ — توققۇز ؛ كۆچمە مەناسى: ئاسمان؛ [نۇھ تاق --- توققۇز گۈمبەز ؛ كۆچمە مەناسى: ئاسمان]؛
- نۇھا — ئەقىللەر؛
- نۇھۇس — ؛«نەھس»نىڭ كۆپلۈكى: تەلەيسىزلىكلەر ، بەختسىزلىكلەر ،نەسلىكلەر؛