لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نەۋائىي — ناۋا قىلغۇچى ، كۈيلىگۈچى ؛ مۇقام ۋە ئاھاڭغا مەنسۇپ؛ مۇقامچى ، كۈيچى؛ بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر ئىبنى غىياسۇ
- نەۋادىر — ؛«نادىر»نىڭ كۆپلۈكى: نادىر نەرسەلەر ، ئاز كۆرۈلىدىغان نەرسەلەر ، ئاز ئۇچرايدىغان نەرسەلەر؛
- نەۋادىرۇششەباب — يىگىتلىك نادىرلىقلىرى ، نەۋائىينىڭ شۇ ناملىق ئەسىرى؛
- نەۋاز — سۆز بىرىكمەلىرىدە كېلىپ ، ياخشىلىق قىلغۇچى ، خۇش كۆرگۈچى ، ئامراق ، قىزىققۇچى ،تەربىيە قىلغۇچى ، دېگەن مەنالارنى ئاڭلىتى
- نەۋازەندە — ناۋا قىلغۇچى ، كۈيلىگۈچى ، ھۆرمەتلىگۈچى ، ھۆرمەت كۆرسەتكۈچى؛
- نەۋازەندەلىق — مەرھەمەتچانلىق ؛ كۈيچىلىك ، سازەندىلىك؛
- نەۋازىش — ياخشىلىق قىلىش ، ھۆرمەتلەش ، مەرھەمەت ؛ مېھرىبانلىق ، ئامراقلىق ؛ ياخشىچاقلىق قىلىش؛ [نەۋازىش ئەيلەمەك --- مېھرىبانلىق ك
- نەۋاساز — ؛(1) داتقا يەتكۈزگۈچى ، تىلەكنى بەرگۈچى ؛ غەمخور . غەمگۇزار؛ (2) كۈيلىگۈچى ،ناخشا ئېيتقۇچى ، مۇزىكانت ، سازەندە؛
- نەۋاسىز — مۇھتاج ، بەھرىسىز؛
- نەۋاگاھ — كۈي ماكانى ، سايراپ ئېچىلىدىغان يەر؛
- نەۋاگۇ — ناخشاچى ، كۈيچى ، ئەللەيچى؛
- نەۋالە،نەۋال — ئىنئام ، ئېھسان ، ھەدىيە ؛ نېسىۋە ، ھەسسە ؛ يېمەك ، تائام ؛ لوقما ،كاپام ،چىشلەم؛
- نەۋالىغ — بەھرىمەن ، تىلىگىنىگە ئېرىشكەن؛
- نەۋامىس — ؛«نامۇس» كۆپلۈكى: قانۇنلار ، نىزام - قائىدىلەر؛ ئابرۇيلار ؛ ئىپپەت - نومۇسلار ، ئەدەپ - قائىدىلەر ، ئەدەپ - ئەخلاقلار؛
- نەۋاھى — ؛(1) «نەھىي»نىڭ كۆپلۈكى : مەنئى قىلىنغان ئىشلار؛ (2) «ناھىيە»نىڭ كۆپلۈكى :مەملىكەتلەر ، جايلار ، رايونلار؛ ئەتراپلار؛
- نەۋاۋۇ ساز — ئۆي جاھازىلىرى؛
- نەۋەرد — سۆز بىرىكمەسىدە كېلىپ «ئۆتكۈچى ، يۈرگۈچى ، ماڭغۇچى ،كەزگۈچى» دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۈ؛ [رەھ نەۋەرد --- يول يۈرگۈچى ، يو
- نەۋەردەندە — كەزگۈچى ، سەير قىلغۇچى ، ئايلانغۇچى؛
- نەۋەردىدە — ئورالغان ، يۆگەلگەن ، يىغىشتۇرۇلغان؛ [نەۋەردىدە بولماق --- يۆگەلمەك ، ئورالماق؛ يىغىشتۇرۇلماق]؛ [نەۋەردىدە قىلماق --- ئو
- نەۋباھار — باش ئەتىياز (نەۋ - يېڭى، ياش)؛
- نەۋبەت — گەز ، نۆۋەت ، پۇرسەت ؛ ئالمىشىش ، يەڭگۈشلىشىش ؛ بىر قېتىملىق ئايلىنىش ؛قاراۋۇللۇق؛ ناغرا ، دۇمباق؛
- نەۋبەتىي — نۆۋەتلەشكۈچى، دەۋر قىلغۇچى؛
- نەۋبەر — يېڭى يېتىلگەن مېۋە، يېڭىدىن ئۆسۈۋاتقان ئۆسۈملۈك ؛ بالدۇر پىشىدىغان مېۋە، بالدۇر يېتىلگەن؛ ئاجايىپ، نادىر، كەم كۆرۈلىدىغا
- نەۋبەھار — ئەتىياز ، كۆكلەم چېغى؛ [ ئەبرى نەۋباھار --- باھار بۇلۇتلىرى ،ئەتىياز بۇلۇتى]؛