لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نەھبۇ يەغما / نەھبۇغارەت — بۇلاڭ - تالاڭ ، تالان - تاراج؛
- نەھج،نەھەج — توغرا يول ، ئوچۇق يول ، داغدام يول ؛ تەرز ، سۈرەت ، يۇسۇن ، رەۋىش؛
- نەھر — دەريا ، ئېقىن؛ [ماۋەرائۇننەھر --- سەيھۇن دەرياسىنىڭ ئايىقىدىكى(ياكى ئۇ يېقىدىكى) يەرلەر؛
- نەھس — بەختسىزلىك ، تەلەيسىزلىك ، شۇم پېشانىلىك؛
- نەھسۋەش — شۇم پېشانە ، شۇم؛
- نەھسى ئەسفەر — مىررىخ (مارىس ) ، سەييارەسى؛
- نەھسييەت — نەسلىك ، ئىشى ئالدىغا ماڭماسلىق ، ئىش ئاقماسلىق ، ئىش ئوڭغا تارتماسلىق؛
- نەھل — ھەسەل ھەرىسى؛
- نەھلى شەھد — ھەسەل بېرىدىغان ھەرە؛
- نەھۋ — سۆزلەرنى بىرىكتۈرۈپ جۈملە ياساشنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم ، سىنتاكسىس؛ گرامماتىكا؛ شەكىل، ئۇسۇل، يول، چارە؛ تەرەپ، ياق؛
- نەھىب — تېررورلۇق، تالان-تاراج. بۇلاڭ-تالاڭ؛ قورقۇنچ، مۇدھىشلىك؛
- نەھىف — ئورۇق ، ئاۋاق ؛ قاخشال ، نىمجان؛ [گاۋى نەھىف --- ئورۇق كالا]؛
- نەھىي — مەنئى قىلىش ، قايتۇرۇش ، چەكلەش ؛ مەنئى قىلىنغان ، چەكلەنگەن؛
- نەۋ — يېڭى؛ كۆچمە مەناسى: ياش ، باشلانما؛ [نەۋ ئەرۇس --- يېڭى كېلىن ،كېلىنچەك]؛ [نەۋ بەھار --- باش باھار]؛ [نەۋ روز --- نەۋروز
- نەۋ ئامۇز — يېڭى ئۆگىتىلگەن؛ [ مۇرغى نەۋ ئامۇز --- يېڭى ئۆگىتىلگەن قۇش]؛
- نەۋ باۋە — ياش نوتا ، كۆچەت ، ياش كۆچەت ، ياش ئەۋلاد ، ئەۋلاد؛
- نەۋ جەۋان،نەۋجۇۋان — ياش يىگىت ، يىگىت؛
- نەۋ خاستە — يېڭى ئېچىلغان (گۈل)؛ ۋايىغا يەتكەن ، ياش يىگىت ، نەۋقىران؛
- نەۋئ — تۈر ، خىل؛ [نەۋئ-نەۋئ ---- ھەر تۈرلۈك ، خىلمۇخىل]؛
- نەۋئى — تۈر؛ خىل؛ سورت؛
- نەۋئىي — بىر خىل ، بىر تۈرلۈك؛
- نەۋا بەخش — ھاجەتتىن چىقىرىش ، غەمخورلۇق قىلىش ؛ غەمخور ، غەمگۇزار ،ھاجەتتىن چىقارغۇچى؛
- نەۋائ — ئاۋاز ، سادا ، كۈي ، مۇزىكا ئاھاڭى؛ مۇڭلۇق ئاۋاز؛ شۇ ناملىق مەخسۇس بىر كۈي؛ بايلىق؛ بەھرە ، نېسىۋە؛ [نەۋائ تاپماق --- بە
- نەۋائىب / نەۋايىب — ؛«نائىبە»نىڭ كۆپلۈكى : مۇسىبەتلەر ، قايغۇلار بالايىئاپەتلەر؛