لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نەمائ — بىخ سۈرۈش ، ئۈنۈش ، ئۆسۈش؛
- نەماز — ئىبادەت ، ناماز ، ئېگىلىش ، باش ئېگىش؛ [بدنەماز --- ناماز ئوقۇمىغۇچى ، ئىبادەت قىلمايدىغان]؛
- نەمايەندە — كۆرسەتكۈچى ، كۆرۈنۈشلۈك؛
- نەمايىش — كۆرسىتىش ، كۆرۈنۈش؛ [نەمايىش كۆرسەتمەك --- ئۆزىنى كۆرسەتمەك ؛ گەۋدىلەنمەك؛ كۆرۈنمەك]؛
- نەمەت — يۇسۇن ، رەۋىش . ئۇسلۇب؛
- نەمەك(تۇز) — تۇز؛
- نەمەكدان — تۇزلۇق ، تۇز قاچاسى؛
- نەمخۇش — زەي؛ نەم؛ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتمىگەن؛
- نەمرۇد — ئىبراھىم پەيغەمبەرنى ئوتقا تاشلىغان ئەپسانەۋى پادىشاھ ؛
- نەممام — تۆھمەتخور ، چېقىمچى ، مۇناپىق؛
- نەمماملىق — تۆھمەتخورلۇق ، چېقىمچىلىق ؛ ئىككى يۈزلىمىچىلىك ، مۇناپىقلىق؛
- نەمناك — ھۆل، ھۆللەنگەن ، نەملىشىپ قالغان ، نەم ؛ شەبنەمدە قالغان؛ شەبنەمسىمان، شەبنەمدەك؛
- نەمۇد — كۆرۈنۈش ، سىرتقى قىياپەت؛ سۆز بىرىكمەلىرىدە «ئوخشاش، كۆرسەتكەن» دېگەندەك مەنالارنى بىلدۈرىدۈ؛ [سەراب نەمۇد --- سەررابقا
- نەمۇدار — ئوچۇق ، روشەن ، گەۋدىلىك ، كۆرۈنۈپ تۇرغان؛
- نەمۇنە — ئۆرنەك؛ نۇسخا؛ ئۈلگە؛
- نەنگ — ئار ، ئۇيات ، نومۇس؛
- نەنگۇنام — ئار - نومۇس ؛ شۆھرەت؛
- نەنگۇنامۇس — ئار - نومۇس؛
- نەنىلەيىن — ئاياق كىيىم؛ كەش؛
- نەھار — كۈندۈز ؛ [لەيلۇ نەھار --- كېچە ۋە كۈندۈز]؛
- نەھارەن — كۈندۈزدە ، كۈن بوي؛ [لەيلەن ۋە نەھارەن --- كېچە -كۈندۈزلەپ]؛
- نەھەڭ (لەھەڭ)؛ — چوڭ يىرتقۇچ بېلىق؛
- نەھەنگانە — تىمساھچە ، تىمساھقا ئوخشاش ، لەھەڭدەك؛
- نەھب — بۇلاش ، تالاش ، زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىش ، ئوغرىلاش؛