لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نەققاد — نەرسەنىڭ ئەسلىنى تېپىپ چىققۇچى ، بىرنەرسەنىڭ ئاق - قارىسىنى ئايرىغۇچى ؛ مېغىزلىق ساق نەرسەنى پۈچەكتىن ئايرىيالىغۇچى؛
- نەققارە — ناغرا ، دۇمباق؛
- نەققاش — نەقىش چىقارغۇچى ، گۈل باسقۇچى ، رەسسام؛
- نەققاشلىق — نەقىشلەنگەن ، زىننەتلىگەن ؛ رەسساملىق ، نەققاشلىق؛
- نەققاشى چىن — چىن نەققاشى؛
- نەققاشى سۇنئى — ئىجادكار نەقىش ، ياراتقۇچى (ئاللاھ)؛
- نەقل — يۆتكەش ، كۆچۈش ، توشۇش ؛ يۆتكىلىش ؛ كۆچۈرۈش ، نەقىل ، نەقىل ئېلىش ؛ بايان قىلىش ، سۆزلەش؛ [نەقل قىلماق --- يۆتكىمەك ، تو
- نەقلىي — كۆچۈرمە ، نەقىل كەلتۈرۈلگەن ؛ ساماۋى چۆچەككە ئايلانغان ، ئەنئەنەۋى؛ يۆتكەلگەن؛
- نەقلىيات — قاتناش ئىشلىرى؛
- نەقىب — بىرەر جامائە ياكى قەبىلەنىڭ ئالدىنقى قاتاردا سانىلىدىغان كىشىسى، ئېتىبارلىق كىشىسى؛ قەبىلە باشلىقى؛ ئاقساقال، باشلىق، كا
- نەقىر — ئەھمىيەتسىز نەرسە ، پارچە - پۇرات ، ئۇششاق نەرسەلەر؛
- نەقىز — قارشى ، زىت ، تەتۈر ، ئەكس؛
- نەقىش — نەرسەلەرگە ئويۇپ چۈشۈرۈلگەن گۈل ياكى سۈرەت؛
- نەقىشبەندلىغ — نەققاشلىق، گۈل چەككۈچىلىك؛
- نەقىل — ئەدىبىي ئەسەر ۋە باشقىلاردىن (ھەرخىل ئەسەر ۋە كىشىلەرنىڭ سۆزلەرىدىن)ئەينەن ئىشىلىتىپ دەلىل كەلتۈرۈش؛ يۆتكىمەك؛
- نەقىي — پاك، تازا، ساپ، خالىس؛
- نەكال — جازا ، ئازاب؛
- نەكبات — ؛«نەكبەت»نىڭ كۆپلۈكى : ئاپەتلەر ، پالاكەتلىكلەر ، مۇشەققەتلەر؛
- نەكبەت — بەختسىزلىك ، پالاكەت ، ئاپەت ؛ خارلىق ، مۇشەققەت؛
- نەكھەت — پۇراق،ھىد، تەم، خۇش، پۇراق، خۇش بۇيلۇق؛
- نەكھەتسىز — پۇراقسىز ، تەمسىز؛
- نەگىھبان — كۈزەتكۈچى؛
- نەم — ھۆللۈك ، قىرو ، شەبنەم ، كۆز يېشى؛
- نەما،نەماي — سۆز بىرىكمەسىدە «كۆرسەتكۈچى ، بىلدۈرگۈچى ، ئوخشاش» دېگەندەك مەنالاردا كېلىدۇ؛ [سەھابنەما --- بۇلۇتقا ئوخشاش]؛ [سۈرەتنەما